تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئورگان ئىشلىرى رېمونت مەبلىغى بويىچە ئۈندىداردا ئالدىن كېلىشىش ئىقتىدارى ئېچىلدى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-زېمىن ئورگان ئىشلىرى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۆي-زېمىن ئورگان ئىشلىرى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاچقان.
   شەھەر ئاھالىلىرى رېمونت مەبلىغىنى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىنى بېجىرگەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-زېمىن ئورگان ئىشلىرى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنى قوشۇپ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى بېتىگە كىرگەندىن كېيىن ئەسكەرتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىلا بولىدىكەن.
    ئۈندىداردا ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئېچىلىشى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلىيالمايدىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بوش ۋاقتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رېمونت مەبلىغىگە ئالاقىدار كەسپلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىلىرى رېمونت مەبلىغى تاپشۇرۇش، مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسىمىنى يۆتكەش، چەكنى ئۆزگەرتىش، تولۇقلاپ بېجىرىش قاتارلىق كۆزنەك كەسىپلىرىنى بېجىرەلەيدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-زېمىن ئورگان ئىشلىرى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى 2016-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، بۇ جامائەت سۇپىسى سىياسەت تەشۋىق قىلىش، رېمونت مەبلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قىزغىن مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ رېمونت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ يېڭى سۇپا، يېڭى ۋاستىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى