5-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا ئىككى تاماشىبىن گۇگۇڭ سارىيى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ئەنئەنىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئىجادىي تۇرمۇش — گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى» 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا باشلاندى. بىريۇسسېل جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزىدە شۇ كۈنى كەچتە ئۆزگىچە «گۇگۇڭ سارىيىنى چۈشىنىش كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە 50 گۇگۇڭ سارىيى سۈرىتى ۋە 100 دىن ئارتۇق نەپىس گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىندى.