تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەت لىنىيەسىنى كۆپەيتىش

    مۇخبىر دۇڭ لياڭنىڭ شىنجاڭ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 2018–يىلى ئېچىلغان قۇرۇلتىيىدىن خەۋەر تېپىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹گۈزەل يېزا–كەنت سەپىرى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت پائالىيىتى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، بۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپىراتىپى ‹‹ساياھەت+جامائەت پاراۋانلىقى›› پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەلىرىنى كۆپەيتكەن، پائالىيەت 6–ئايدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەدە يەنە باشلىنىدىكەن.

   شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپىراتىپى بۇ يىل 4–ئاينىڭ باشلىرىدا ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ‹‹گۈزەل يېزا–كەنت سەپىرى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدا ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەن. پائالىيەتتە ‹‹ساياھەت+جامائەت پاراۋانلىقى›› شەكلى قوللىنىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر تەشكىللىنىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان، بۇ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنداقلا ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

   شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى پەن جېڭيۈ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك پائالىيەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى ۋە قىزىل تەربىيە بازىسىنى بىرلەشتۈردۇق. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەلىرىنى كۆپەيتتۇق. 2–نۆۋەتلىك ‹‹گۈزەل يېزا–كەنت سەپىرى  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت پائالىيىتى 6–ئاينىڭ 19–كۈنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەدە بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىگە بېرىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن ھال سورايدۇ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ لىنىيەدە مايتاغ–كۇچا تاشيولى، چولما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، تاڭبۇلا 100 چاقىرىملىق ساياھەت رايونى، بايىنبۇلاق يايلىقى، مەكىت ناھىيەسىدىكى دولان دېھقان رەسساملار يۇرتى، قاراكۆل ۋە مۇزتاغ مۇزلۇقى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى كۆپەيتىلىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ لىنىيەسى بايىنبۇلاق، نارات ۋە قاراجوندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يايلاقنى بېسىپ ئۆتىدۇ، شوتا قەدىمىي يولى ئارقىلىق سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى