تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى شىنجاڭدىكى يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېلان قىلدى

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى 5–ئاينىڭ 21–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى يېڭى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېلان قىلدى. يىغىندا، شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار يېڭىدىن ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە ساياھەت لىنىيەلىرى، تۆمۈريول ساياھەت لىنىيەلىرى ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەلىرىنى تونۇشتۇردى.

   يىغىندا، شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ چيەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئون ئاۋىياتسىيە ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئون ئاۋىياتسىيە ساياھەت لىنىيەسى: كورلا–يەكەن لىنىيەسى، خوتەن–چېڭدۇ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى–قاناس لىنىيەسى، چۆچەك–تۇرپان لىنىيەسى، تۇرپان–قاناس لىنىيەسى، تەيبېي–ئۈرۈمچى لىنىيەسى، ئۈرۈمچى–لاھور لىنىيەسى، ئۈرۈمچى–ئېركۇتسىك لىنىيەسى، ئۈرۈمچى–كۇچا–خوتەن لىنىيەسى، داليەن–شىجياجۇاڭ–كورلا لىنىيەسى قاتارلىقلار. جياڭ چيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

   ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياۋ شۈدۇڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يىراق، قاتناش مۇساپىسى ئۇزۇن، شىنجاڭدا ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ ھەم تارقاق، بۇ خىل ئەھۋاللار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. شىركىتىمىز تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، ئەرزان، راھەت ۋە مۇھىت ئاسراشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ يىل ‹‹پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش››تىن ئىبارەت يېڭى تۈرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بۇ تۈر كونكرېت شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش سەپىرى، جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر، سېھىرلىك تۇرپانغا سەپەر، دۇنخۇاڭدا ئۇچرىشىش، ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ۋە يېڭى شەرق تېز پويىزى سەپىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جياۋ شۈدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يېڭى تۆمۈر يول ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى مۇھىم رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە تۆمۈر يول تىرانسپورتى بىلەن ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

   شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياڭ جياۋپىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان ئون ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئون لىنىيە: شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، غەربىي تەڭرىتاغنى ئايلىنىش ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، شەرقىي تەڭرىتاغنى ئايلىنىش ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، قەشقەر ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، قاراماي ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، ئىلى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى، قومۇل ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى ۋە خوتەن ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەت لىنىيەسى. ياڭ جياۋپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش››تەك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن باشقا كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى سەرخىل لىنىيەلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش كېرەك، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش بىلەن مەھسۇلات ماركېتىڭىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى–سىرتىدا ‹‹بىپايان زېمىن، گۈزەل مەنزىرە  شىنجاڭ ياخشى جاي››دىن ئىبارەت يادرولۇق ماركا ئوبرازىنى ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى