تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

زورەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى خۇشاللىقلىرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى گوڭ شىجيې، دەي چياڭ

    شايار ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنتىدىكى زورەم باقىنىڭ ئائىلىسىدە يېقىندىن بۇيان خۇشاللىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭغا كەنتتە تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى؛ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن گۈلباغ بازىرىدا ساقچى ياردەمچىسى بولدى؛ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكومنى بۇ يىل پۈتكۈزىدىغان كىچىك ئوغلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشى بىلەن، شۇ جايدىكى بىر كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى؛ بۇ ئائىلىگە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەقسىملەپ بېرىلگەن ئىنەكمۇ موزايلاش ئالدىدا تۇرىدۇ.

   48 ياشلىق زورەم ئائىلە ئايالى. تېرىيدىغان يېرى بولمىغاچقا، ئادەتتىكى چاغلاردا ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ناھىيەگە يېقىن جايدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئىلگىرى كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. 2016–يىلىنىڭ بېشىدا ئېرى مەخمۇت بارات تۇيۇقسىز يېرىم پالەچ بولۇپ قالدى، ئېرىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن زورەم تاپقان – تەرگىنىنى تۈگەتكەندىن باشقا، يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئامالسىزلىقتىن ئوقۇشتىن توختاپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىنى قامدىدى.

    ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنچىكە كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى زورەم ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇدا ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك يۆلەپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىشنى ئالدى بىلەن ‹‹سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشى››دىن باشلىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەخمۇتنىڭ ياشاش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا شايار ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن پائال پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇزاقتىن بۇيان ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مەخمۇتقا چاقلىق ئورۇندۇق ھەل قىلىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرى لى جېننىڭ خوتۇنى جۇڭيىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماھىر ئىدى، ئۇ خوتۇنىنى ئالايىتەن ئاقسۇدىن شايارغا ئەكىلىپ، مەخمۇتنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى ھەم سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى تۈزدى.

    زورەم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شۇنىڭدىن باشلاپ ئېرىمنىڭ كەيپىياتى ياخشىلاندى، ئاچچىقلانمايدىغان، نەرسە–كېرەكلەرنى ئاتمايدىغان، چاقمايدىغان بولدى، ئۇ ھەر كۈنى ‹‹چوقۇم كېسەلدىن غالىب كېلىپ، قايتىدىن ئورنۇمدىن تۇرىمەن›› دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولدى.

    ئىككىنچى تۈرلۈك تەدبىر كۆپ خىل ئۇسۇل، يول ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش ئىدى. ئۆتكەن يىلى 3–ئايدا خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەقسىملەپ بېرىلگەن چۈجىدىن 50نى زورەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. شۇ يىلى 4 – ئايدا خىزمەت ئەترىتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ئىئانە توپلاپ قۇرۇلغان ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ئۆسۈمسىز ئايلانما مەبلىغىدىن 10 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، زورەمگە ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئېلىپ بەردى، زورەم ناھىيە بازىرىدا كۆچمە مېۋە – چېۋە يايمىسى ئاچتى.

    2017– يىلى زورەمنىڭ چۈجىلىرى چوڭلىغاندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چۈجىلەرنى 3000 يۈەنگە سېتىۋالدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، 10 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، زورەمگە بوغاز ئىنەكتىن بىرنى ئېلىپ بەردى. يېقىندا بىرەيلەن نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەقسىملەپ بېرىلگەن ئىنەكنى 21 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولۇۋېدى، زورەم ساتمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، ماڭا پۇل تېپىپ بېرىدىغان كالا، ئۇنى ساتمايمەن، ئۇ موزايلىسا، ئاندىن بورداپ ساتىمەن، موزىيى چىشى بولسا داۋاملىق باقىمەن.

    بۇلتۇر مېۋە – چېۋە سېتىپ، 10 مىڭ يۈەن تاپتىم، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىنى قايتۇردۇم،  دېدى زورەم پەخىرلەنگەن ھالدا. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، بۇ يىل 3–ئايدا زورەمگە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەقسىملەپ بېرىلگەن 200 چۈجە ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياساپ بەرگەن كۆكتات پارنىكى ئىدى.

    زورەم ئائىلىسىنى تېزدىن بېيىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئۈچىنچى تۈرلۈك تەدبىر  ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش››نى يولغا قويدى. خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل زورەمگە كەنتتە تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى؛ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنى كەنتنىڭ ساقچى ياردەمچىسىلىكىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ ئۇنىڭ بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكومنى پۈتكۈزىدىغان كىچىك ئوغلىغا بىر كارخانىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ئوغلى كارخانا بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. شۇنداق قىلىپ، زورەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتى بار بولدى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.

    چوڭ ئوغلۇم ئىككىمىز ئايدا 3500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمىز، كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئېيتىشىچە، كارخانا ئۇنىڭغا ئايدا 2500 يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇنداق بولغاندا، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 6000 يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭغا باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىم قوشۇلسا، نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى جەزمەن چۆرۈپ تاشلىيالايمىز!  دېدى زورەم خۇشال ھالدا.

    زورەم مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىمىزغا ياردەم بەردى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت! باش شۇجى شى جىنپىڭ يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشنى ئېيتتى، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گېپى بويىچە تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ، بالدۇرراق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى