تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇرازقان ئاياغ دۇكىنىغا تايىنىپ بېيىش ئارزۇسىغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن

    چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسى كۆلتەكچى كەنتىدە كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان ‹‹ئۇرازقان قولدا تىكىلگەن ئاياغلار دۇكىنى›› بار، بۇ، ئۇرازقان ئاچقان خۇرۇم ئاياغ، لاتا ئاياغ تىكىش ئورنى. 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇرازقان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن بىر دۇكاننىڭ ئىگىسى.

    بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ئۇرازقاننىڭ ئائىلە شارائىتى ئىلگىرى ناچار ئىدى، دادىسى ئاشقازان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ھەر يىلى ئۈچ – تۆت قېتىم كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىناتتى، ھەر قېتىم 4000 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلاتتى. ئۇرازقان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇشسىز قالدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئون مو يەرگە شال تېرىيدىغان بولۇپ، كىرىمى ئاز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ – كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ھېسابلىناتتى.

    ئۇرازقان ئۆيلەنگەندىن كېيىن، بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ، ياغاچچىلىق ۋە موزدۇزلۇقنى ئۆگەندى. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە ئىككى يىل ھۈنەر ئۆگەنگەندىن كېيىن، كەنتتە موزدۇزلۇق دۇكىنى ئاچماقچى بولدى.

    ئۇرازقان بىلەن خوتۇنى كۆلتەكچى كەنتىدە شال تېرىغاندىن سىرت، يېقىن ئەتراپتا ۋاقىتلىق ئىشلەپ، دۇكان ئېچىشقا پۇل غەملىدى. ئەر – خوتۇن ئىككىسى جاپالىق ئىشلەپ، يىلىغا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

    بۇ جەرياندا ئۇرازقان يىلىك ياللۇغى بولۇپ قېلىپ، 3 – دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانىدى، بۇ ئىشلار قەيسەر قازاق يىگىتىنى تىز پۈكتۈرەلمىدى.

    ئۇرازقان يىلىك ياللۇغى بولۇپ قالغاندىن كېيىن، سۇغا يېقىن كەلسە بولمايتتى، ئۇ خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئون مو شاللىقنى ھۆددىگە بېرىۋەتتى، ئەر – خوتۇن ئىككىسى سىرتقا چىقىپ ۋاقىتلىق ئىشلىدى، بۇ جەرياندا دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇرازقان قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خوتۇنى بىلەن داۋاملىق تىرىشتى.

    ئۇرازقان تۆت يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاياغ تىكىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، تىككەن ئاياغلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ۋە باشقا جايلاردا ساتتى. ئۇ ئاياغ باھاسىنى ئېنىق بېكىتىپ قويغاچقا، ئۆتكەن – كەچكەنلەر ئاياغ پاسونىنىڭ يېڭى، سۈپىتىنىڭ ياخشى، باھاسىنىڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دۇكىنىغا كۆپ كىرىدىغان بولدى، ئاياغ بۇيرۇتىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇرازقاننىڭ سودىسىمۇ بارا – بارا جانلاندى.

    ئۇرازقاننىڭ 20 كىۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان ئاياغ دۇكىنىدا ئۈچ ئاياغ جازىسى بار ئىدى، ئىككى ئاياغ جازىسىغا خېرىدارلار بۇيرۇتقان ئاياغلار تىزىپ قويۇلغان، يەنە بىر ئاياغ جازىسىغا ئاياغ تىكىدىغان ماتېرىياللار قويۇلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق تىزىپ قويسام، خېرىدارلار تىككەن ئاياغلىرىمنىڭ سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.

    ئۇرازقان مۇنداق دېدى: موزدۇزلۇق ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاياغقا ياخشى كۆن  – خىروم ئىشلىتىمەن، ئۆلچەش، لايىھەلەش، پىچىش، چەملەش، يەملەش، پارقىرىتىش قاتارلىق نەچچە ئون تەرتىپنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىرەرىدە خاتالىق كۆرۈلۈپ قالسا، ئاياغ پۇتنى ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاياغ دۇكىنىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا ‹‹قول ھۈنەرۋەنچىلىك›› دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشتىكى مەقسەت ئاياغنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن.

    ئۇرازقان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

    ئۇرازقان ئاياغ دۇكىنىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ھازىر دۇكانغا ئاياغ كىرگۈزۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق، خېرىدارلار ئۆزى كېلىپ سېتىۋالىدۇ ياكى زاكاز قىلىدۇ، خوتۇنۇم بىلەن ئاياغ تىكسەكلا بولدى، ئاياغ پۈتكەندىن كېيىن خېرىدارلارغا تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز.

    ئۇرازقاننىڭ كەنتتىكى ئاياللارنى ئاياغ تىكىشكە تەشكىللەش ئويى بار. ئۇ گۈزەل كېلەچەكنى تەسەۋۋۇر قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا ئىش تەقسىملەپ بەرسەم، بەزىلەر چەم تىكسە، بەزىلەر ئاياغنىڭ يۈزىگە ئىشلىسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرۈشلەشكەن ئىش تەرتىپى شەكىللىنىدۇ، ئىشنى ئۆيىدە قىلسىمۇ بولىدۇ، جاپا تارتمايدۇ ھەم ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، بىر كۈندە كۈچىمەيلا 100 نەچچە يۈەن تاپالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى