تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمەن

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ما گۈييەن

    پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كۈندىلىك خىزمەتكە قەتئىي سىڭدۈرىمەن، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىمەن.

    يادرونى ھىمايە قىلىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاياللارغا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىپ، كۈچلۈك تەشۋىقات داغدۇغىسى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى كەڭ تارقىتىمەن، ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن.

    باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ھەرمىللەت ئاياللارنى ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يالغانچىلىقلىرى، سەپسەتىلىرىنى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ئەپت–بەشىرىسىنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ دائىم پورەكلەپ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

    پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئىناق، مۇقىم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، بىز جۇڭخۇا ئوغۇل–قىزلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان روھ بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ھارماي–تالماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى