تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››،‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارخىپ ئىدارىسى(ئارخىپخانا)دىن ئامىنە ئابدۇرېشىت

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى  ھەرمىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز–ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

   ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، ھەربىر ئىلگىرىلىشىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمەن. مەن باشتىن–ئاخىر پارتىيەدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن، ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەرمىللەت ئامما بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايمەن.

    مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن. تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە بوشاڭلىق قىلماي، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

    مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى، رەزىل نىيىتى ۋە جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئاۋانگارت بولىمەن. تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، مۈجمەل تونۇش ئالدىدا ھەق–ناھەقنى دادىل ئېنىق ئايرىپ، خاتا قاراشلار ئالدىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى