تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئايقىن دانىيار

    شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان–قېرىنداش ئەزاسى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ھايات–ماماتلىق خەتەرلىك پەيتكە دۇچ كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىش ئۈچۈن ئورتاق ئاتلىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى ئورتاق ياراتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق يېڭى دەۋرگە كىرىپ، ‹‹خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغان، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر–بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان›› يېقىن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بەخت–سائادەتتىمۇ، جەبىر–جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ھەمكارلىشىدىغان يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ مۇپەسسەل يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي ئوبيېكتىپ پاكىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

    ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ___ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ___ ئاپەت، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيەت بولمىسا، بەختلىك، ياخشى تۇرمۇش بولمايدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ پولاتتەك پاكىتى بار، ئۇلار ھەرگىز تىنىۋالالمايدۇ. شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق خام خىيالغا تارىخ يول قويمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقمۇ ھەرگىز يول قويمايدۇ. ھەرمىللەت كادىرلار ۋە ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك دوستلۇقىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئورتاق زەربە بېرىشىمىز كېرەك.   

    ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ‹‹جان تومۇر››ىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. بىز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى