تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى

چېن چۈەنگو، چېن چيۇفا، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چيۇفا باشچىلىقىدىكى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، 5–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن 25–كۈنىگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

    لياۋنىڭ . شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 5–ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر قولدا لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، بىر قولدا سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ۋە ساپلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقى زور، تەدبىرلەر ئەمەلىي، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 8–شى، 9–شىسىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز؛ لياۋنىڭنىڭ ياخشى تەجرىبىسىنى، ياخشى ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ساھە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، چېگرانى باشقۇرۇش–كونترول قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىمىز، لياۋنىڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

    چېن چيۇفا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ۋە پۈتۈن ئۆلكە خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە بىڭتۈەندىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن–ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ قىلىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشپ ‹‹بىر ۋىلايەت، ئىككى شى››نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشىدۇ.

    چېن چيۇفا مۇنداق تەكىتلىدى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر ۋىلايەت، ئىككى شى››نىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى يولداشلار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىدۇ. بىرىنچىدىن، مالىيە سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، سانائەت تۈرلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ‹‹بىر ۋىلايەت، ئىككى شى›› بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئورتاق ياخشى قىلىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملايدۇ. تۆتىنچىدىن، ئىككى جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بەشىنچىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كۆپ خىل ئاساسىي تېما ۋە كۆپ خىل شەكىلدىكى تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر قاتلاملىق ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تىرىشىپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاش داۋامىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

    سۆھبەت يىغىنىدا، لى پېڭشىن، سۈن جىنلۇڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە بىڭتۈەن 8–شى شىخەنزە شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بىڭتۈەن 9–شىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ھەر مىللەت دېھقان–چارۋىچىلىرىدىن ھال سورىدى، لياۋنىڭ.تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 8–، 9–شىسى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە كېلىشىم ئىمزالىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى.

    لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن يى ليەنخۇڭ، تەن زوجۈن، ليۇ خۇەنشىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاۋ چىڭ، ليۇ جيەنشىن، لى جىدۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.                                                    
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى