تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە››نى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يېقىندا ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە››نى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە، خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇنىڭدا چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن 30 لېكسىيە›› ناملىق كىتابتا 30 مەخسۇس تېما بويىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلەنگەن، ئۇ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەسلىي تېكىستى، ئەسلىي ئەسەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، ‹‹30 لېكسىيە››دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ‹‹30 لېكسىيە››نىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن–ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چىڭ باغلانغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىدا، مەركەزنىڭ زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتەك ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ‹‹30 لېكسىيە›› مەخسۇس ئۆگىنىشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹30 لېكسىيە››نى ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش–تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتىكى چوقۇم ئۆگىنىدىغان مەزمۇن قىلىپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگىنىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرى ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىشى؛ ئىجتىمائىي پەن ئورۇنلىرى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ شەرھلەش ماقالىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېزىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمەكلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللىشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى ‹‹30 لېكسىيە››نى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئاساسىي سىنىپلارنىڭ دەرسلىكى قىلىشى؛ ئالىي مەكتەپلەر ‹‹30 لېكسىيە››نى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش–تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلار، 1–شۇجىلار، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ‹‹30 لېكسىيە››نى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىنى ئىزچىل قوزغىشى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.
                               

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى