تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو بىلەن دۇنيا قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىدۇ

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. 2018-يىللىق جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزى، جۇڭگو خەلقئارا نامراتلارنى يۆلەش مەركىزى، دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېھقانلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، توققۇز خەلقئارا ئاپپارات، 28 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 200 ئەمەلدار، كارخانىچى ۋە مۇتەخەسسىس قاتارلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ «ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، نامراتلىقنى قول تۇتۇشۇپ تۈگىتىش» باش تېمىسىدا جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىسى ۋە خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ ئۇيۇشتۇردى.                                                                          
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «نامراتلىقنى دەل جايىدا يۆلەش»، «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق ئىدىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى-كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا يېزا نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئۇلۇغ نىشاننى تىكلىدى ھەمدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەمدە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ب د ت دېھقانلار تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋىنكىت مارتىن مۇنبەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن قىسقىغىنە 40 يىلدا 800 مىليارد نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، نەتىجىسى ئۆزىدىن مەلۇم. دۇنيادا نامراتلىق يەنىلا زور بىر مەسىلە بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ب د ت دېھقانلار تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى كېڭەيتىپ، ب د ت تۈزگەن 2030-يىللىق سىجىل تەرەققىيات تەرتىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.   
    بۇ قېتىمقى مۇنبەردە يەنە دۇنيادىكى نامراتلىقنى ئازايتىش دېلو مىساللىرىنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، پائالىيەت دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش تەشكىلاتى ۋە شەخسلەر توپلىغان ئىجادىي نامراتلارنى ئازايتىش دېلو مىساللىرىغا يۈزلەندۈرۈلدى، باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاخىرىدا 100 ئەڭ ياخشى نامراتلىقنى ئازايتىش دېلوسىنى بېكىتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى 10-ئايدا ئېلان قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا نامراتلارنى يۆلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گۇاڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە دىققەت قىلىشىنى، نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشىنى، نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى تاماملاش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    جۇڭگو ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا، تەجرىبىلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمبەھرىلەندى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، جۇڭگونىڭ تانزانىيە بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقى  دۇنيادىكى نامراتلارنى ئازايتىش تىپىك دېلو مىسالى يىغىنىدىكى مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېزا ئىگىلىكى تانزانىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئەمما تېخنىكىنىڭ يىرىك، قالاقلىقى تۈپەيلى دېھقانلار نوپۇسىنىڭ نامراتلىشىشى ۋە ئاشلىقىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقىدەك قىيىن ئەھۋاللار ئىزچىل بۇ دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىگە ئايلانغانىدى. 2011-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا نامراتلارنى يۆلەش مەركىزى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى داشۆسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار تانزانىيە ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، شۇ يەردە «كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى ئازايتىش ئۆگىنىش مەركىزى» نى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللىدى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. دېلو مىسالىنى دوكلات قىلغۇچى تەرەپ، جۇڭگو نەننەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ شيۇۋلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەتتە يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، بۇ تۈردىن يەرلىكتىكى 500 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى نەپكە ئېرىشتى، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 3-4 ھەسسە ئاشتى.
    يىغىن ۋەكىلى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تانزانىيەلىك ئوقۇغۇچى رىمىدىئۇس مۋېما ئېممانۇئېل مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: مەن تانزانىيەنىڭ زۇڭتۇڭ رايونىنى باشقۇرۇش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى مەسئۇل بولغان يەرلىك ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل، ئىلگىرى كۆپ قېتىم  ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگو –تانزانىيە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق تۈرىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەنتلىرىگە بېرىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن.  مېنىڭ قارىشىمچە، بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز يېزا ئىگىلىك تېخنىكىمىزنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى تېخىمۇ يېڭىلاپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بېيىش يولىنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر تانزانىيە ھۆكۈمىتىمىز نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئىككى كەنتنى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىپ بولدى: جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرى ئىنتايىن قالتىس، بىز تولۇق چۈشىنىش ئاساسىدا قايتا ئىجاد قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى