تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ داۋالاش ئاپپاراتى» دىن ئىككىسى كۆپەيتىلدى

ماتېرىيال سۈرەت

     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى : ئۈرۈمچى غەربىي شىمال ئاياللار دوختۇرخانىسىغا يېقىندا «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئاپپاراتى» دېگەن ۋېۋىسكا تارقىتىلدى. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تۆتىنچى پۇقراۋى دوختۇرخانا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل، يەنە بىر ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مەركىزى «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ داۋالاش ئاپپاراتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
    مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەمئىي 64 ھۆكۈمەت + پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بويىچە داۋالىنىش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ بېقىلىدىغان ئوبيېكتلار، شەھەرلەردىكى ئۈچ پېشقەدەم (پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم نەمۇنچى)لەر، يېزىلاردىكى تۆت پېشقەدەم (پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم نەمۇنچى، پېشقەدەم ھەربىي)لەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئامما داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۈ جىيوۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، شەھەر، بازار، يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىلىدىغان ئوبيېكتلار، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى بېقىۋالغان «ئۈچى يوق» نامرات بىمارلارغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىشتىكى تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەم داۋالاش سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋالاش مەنبەسىنى بىرىكتۈرۈپ، «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ داۋالاش ئاپپاراتى» نى پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئېچىۋېتىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى + پۇقراۋى دوختۇرخانىلىرى، تولۇق بۆلۈم بويىچە داۋالاش سىستېمىسى + مەخسۇس داۋالاش سىستېمىسىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشتىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
    ھۆكۈمەت تولۇق بۆلۈم دوختۇرخانسىىغا سېلىشتۇرغاندا «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ داۋالاش ئاپپاراتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۆت پۇقراۋى دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملىرى ئاساسلىقى شىنجاڭدا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان جايلارغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، نامرات ياردەم بېرىش-قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا داۋالاشتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى