شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى. بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. كۇنمىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يېقىندا ئىستېمال ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن بىخەتەرلىككە ئېتىبار بېرىشنى، ئويۇنچۇق ئويناشقا ماس كېلىش يېشىغا دىققەت قىلىشنى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئويۇنچۇقلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاشنى ئەسكەرتتى.
بازاردىكى قىسمەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى بولۇش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ مۇنتىزم زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى تاللىشىنى، مەھسۇلاتنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەھسۇلات تەكشۈرۈش ئىسپاتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى، يەنى، ئوراش قېپى ياكى كۆرسەتمىلىرىدە «CCC» بەلگىسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ، «ئۈچ يوق» مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق ۋە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا ئىشلىتىش قوللانمىسىنى ۋە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئوقۇشى، ئويۇنچۇقلارنىڭ كىچىك زاپچاسلىرىنىڭ پۇختا ياكى پۇختا ئەمەسلىكىنى، زاپچاسلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ بالىلارنىڭ قولىنى قىسىۋېلىش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقىنى، مەسىلەن، تىۋىتلىق، رەختتە تىكىلگەن ئويۇنچۇقلارنىڭ كۆزى، بۇرنى، كىچىك تۈگمىسى قاتارلىقلارنىڭ چىڭ ياكى چىڭ ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، ئويۇنچۇق ئويناش جەريانىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يېشىغا قاراپ، شۇ ياشتىكى بالىلار ئويناشقا ماس كېلىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللىشى، بولۇپمۇ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئويۇنچۇق تاللىغاندا، كىچىك زاپچاسلىرى بار، ئېغىزىغا سېلىۋېلىش ئېھتىماللىقى بار ئويۇنچۇقلارنى تاللىماسلىقى كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بالىلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئاسان يۇتۇۋالىدىغان، ئېتىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇچلۇق ئويۇنچۇقلارنى، بولۇپمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك كىچىك مېتال توپلار، ئۇچار خەنجەر، رەگەتكە، لازېر نۇرلۇق تاپانچا ۋە قەلەم قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش جەريانىدا ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىستېمالچىلار ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندىكى تالون قاتارلىق ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلىشى، سودىگەرلەر بىلەن ئىستېمال تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، ياكى ئويۇنچۇق ئويناش جەريانىدا ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ۋاقتىدا 12315 ئەرز قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشى ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىشى كېرەك.