تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئاچچىقنى ئىچىڭىزگە يۇتۇۋەرمەڭ

ماتېرىيال سۈرەت

  تۇرمۇشتا ئىزچىل يول قويۇش، سۈكۈت قىلىش قارشى تەرەپكە ئۆزىنى قەدىرسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ، بۇ تۈپەيلى مەسىلە ھەل بولماي يىغىلىپ قېلىپ زىددىيەت چوڭقۇرلىشىدۇ. پەن تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن، چۈنكى ئاچچىقنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتمەسلىك يۈرەك ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمىتىگە پايدىسىز بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرنىڭ سىرتقا چىقىرىۋېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. شۇڭا ھەدېسىلا ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقاندىن، مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئاچچىقنى چىقىرىۋەتكەن تۈزۈك. بۇنداق بولغاندا تاشقى مۇھىتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئاياللار ئېھتىياتچان، ئاجىزلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئوچۇق-يورۇق، خۇشال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتكەندىلا «زىيادە مۇلايىم ئاياللار ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» ئازابىدىن خالاس بولالايدۇ.

  بەزىلەر ياش تۇرۇپلا كېسەل بولىدۇ ياكى بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ماھىيەتتە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «مىجەزى زىيادە ياخشى» بولغانلىقتىن ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ. بىز ھەمىشە ئاچچىقى يامان كىشىلەر ئاسان كېسەل بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز، ئەمما زىيادە سۈكۈت قىلىشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بەزى ئەنئەنىۋى ئىدىيەدىكى ئاياللاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. زىيادە كۆيۈنۈش، ھەدېسىلا قارشى تەرەپكە يول قويۇش، ئىزچىل قۇربانلىق بېرىش ۋە سۈكۈت قىلىش ئەھۋاللىرى «زىيادە مۇلايىم ئاياللار ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  قوشنىمىزنىڭ ئايالى ئىنتايىن مېھرىبان ئايال بولۇپ، چۇس مىجەز ئېرىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئېرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندە ئۇ ھېچنېمە دېمىدى، كېيىن ئېرى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، زىيان تارتىپ گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەندىمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي ئېرى بىلەن تەڭ قەرز تۆلىدى. نەچچە يىل جاپا تارتىپ، ئەمدىلا قولى پۇل كۆرۈشكە باشلىۋىدى، ئېرى كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ قالدى.

  خىزمەت، ئائىلە ئىشلىرى، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئايال ئۈستىگە ئالاتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ جاپاسىنى، قاتتىق ھېرىپ-چارچىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز ۋايساپ باققىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدى. ئەكسىچە، ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ ماختايتتى.

  تاكى ئۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىمۇ ئېرىنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتالمىدى. ئايال ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي «پارتلىدى»، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تارتقان كۈلپەتلىرىنى، ئازاپلىرىنى ئېيتىپ تېلىقىپ يىغلىدى. ئەمما ئۇ كېچىككەن، كېسەل ئاللىقاچان ئۇنى چىرماپ بولغانىدى. تۇرمۇش شۇنداق، زىيادە سۈكۈت قىلىش قارشى تەرەپكە ئۆزىنى قەدرىسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ، ھەل بولمىغان مەسىلىلەر يىغىلىپ زىددىيەت چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇڭا بەزىدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا دەردىنى چىقىرىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلدۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ. ئاچچىقلىنىش جايىدا، داۋلىيلىق بولسا، تىنچ كۆل سۈيىدەك تۇرمۇشتا دولقۇن پەيدا قىلالايدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىمۇ، تاتلىقىمۇ بار بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى