ئۆز خەۋىرىمىز: «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ساياھەت قىلىش، ئون چاقىرىم يىراقلىقتا ئوخشاشمىغان ھاۋارايى كۆرۈلۈش»، «بىر مەنزىرىدە تۆت پەسىل بىلەن ئۇچرىشىش» بۇ سۆزلەر قومۇلنىڭ ئاقتاش مەنزىرە رايونىنى تەسۋىرلەشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ.
كونا قابا تاشيولىنى بويلاپ تاغقا چىقسا، تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. تاغ چوققىسىغا ئاز قالغاندا، قېلىن قار كۆرۈنىدۇ. تىيانشان بۇتخانىسى مەنزىرە رايونى ئاق لىباستىن تون كىيدى، مەنزىرە سۇپىسىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا، قارىغاي دەرەخلىرى تاغ باغرىدا قاتار-قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كۆز يەتكۈسىز نېرىنكىر يايلىقى تاغ چوققىسىدىكى ئاپئاق قارلار بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، كالا، قوي، ئاتلار يايلاقتا يايلاۋاتاتتى. بۈركۈتلەر ھاۋا ئېقىمى تۈرتكىسىدە ئاسماندا لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. ئىككى-ئۈچى بىر بولۇپ قوغلىشىپ ئوينىشىۋاتقان قۇشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. يايلاقتا تۇرۇپ تاغقا قارىغان مەنزىرە بىلەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىغان مەنزىرە تامامەن باشقىچە ئىدى. كۆز ئالدىدا چەكسىز كەتكەن يايلاق، ئۇنىڭ ئالدىدا تەدرىجىي سارغىيىپ بارغان قارىغايلار، ئۈستىگە قارىسا قارلىق تاغ، ئاپئاق بۇلۇت، كۆك ئاسمان...شۇ چاغدىلا كىشى «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ساياھەت قىلىش» نىڭ خىيال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.