تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈچ تال شارپا چىڭ باغلىغان قېرىنداشلىق مېھرى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: شىن جىننىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل رەڭدىكى شارپىسى كىيىم ئىشكاپىدا قولغا چىقىدىغان يەرگە ئېسىقلىق تۇرىدۇ، ھەر قېتىم مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا تاللاپ تاقاپ بارىدۇ.

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇگۇڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى شىن جىن مۇخبىرغا بۇ شارپىلار ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ شارپىلا ئەمەس بەلكى بىر خىل غەمخورلۇق، ھەر قېتىم بۇ شارپىلارنى كۆرگەىنىمدە، گۈلى ئاچام يادىمغا يېتىپ، قەلبىم ئىللىپ كېتىدۇ.

  1-شارپا: ئۆز ئارا تونۇشۇش

  2016-يىلى، سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى شىن جىن شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە تۇگۇڭ مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى مېھرىگۈل ئىسھاق بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

  2017-يىل چاغاننىڭ ئالدىدا، مېھرىگۈل تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغان قىزى تۇرسۇنئاي مەخمۇتقا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، بىر شارپا ئەكەلدۈرۈپ، شىن جىنغا چاغانلىق سوۋغا قىلىپ بەرگەن ئىدى.

  ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تونۇشقىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغانىدى، پەقەت بىرلا قېتىم پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بىر~ئىككى قېتىم ئۆيىگە بېرىشىپ، تېخى دېگەندەك ئۆزلىشىپ كەتمىگەن ئىدى. سوۋغاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان شىن جىن ئەدەپ يوسۇنىدا قارشى تەرەپكە قىزىل بولاق تەقدىم قىلدى.

  2-شارپا: ئۆز ئارا چۈشىنىش

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بۇ ئىككى تۇغقاننى ئۆز ئارا يېقىنلاشتۇردى، ئىككەيلەننىڭ باردى-كەلدىسىمۇ كۆپىيىپ، پاراڭلىشىدىغان تېمىلىرىمۇ كۆپەيدى. بىر قېتىملىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، مېھىرىگۈل بىلەن شىن جىن ئۆي ئىشلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

  مېھرىگۈلنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى، ھازىر ئۇ قىزى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىللە تۇراتتى، نەۋرىسى بۇزەينەپنىڭ ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكىدا قىينىلىۋاتقانلىقى مېھىرىگۈلنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى.

  شىن جىن ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  2017-يىل 11-ئايدىكى قار ياغقان بىر كۈنى، شىن جىن ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراش ھالدا مېھرىگۈلنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ رەتلەپ قويۇلغان مەشىق قوللانمىسى، ھۆسىنخەت كىتاب ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى. بۇزەينەپ ئالدىراش ھالدا سوۋغاتلارنى كۆرۈۋاتقاندا، مېھىرىگۈل ئاستاغىنە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ قولىدا بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، خالتا ئىچىگە توق سېرىق شارپا سېلىپ قويۇلغان ئىدى.

  شىن جىن ھازىرغىچە شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، «مەن ئاچامغا ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىمىنى ئېيتىمىغانىدىم، روشەنكى، سوۋغاتنى ئۇ مەن ئۈچۈن ئاللىبۇرۇنلا تەييارلاپ قويۇپتۇ. مەن قايتىش ئالدىدا ئۇ يېڭى شارپىنى چىقىرىپ بوينۇمغا سېلىپ، <تاقىۋېلىڭ، توڭلىمايسىز>دېدى، مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالدىم.

  ئۆيگە قايتىش يولىدا، گەرچە شامال كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئىللىق ھېس قىلدى.

  3-شارپا: ئۆزئارا ۋەدىگە ئەمەل قىلىش

  2018-يىل 2-ئايدا، شىن جىن سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇگۇڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، مېھرىگۈل بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ بارغانچە قويۇقلاشتى. شىن جىن مېھرىگۈل ئىسھاقنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندى، مېھرىگۈل شىن جىننىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى سادىق قوللىغۇچىسىغا ئايلاندى.

  مەھەللە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ھەر مەيدان پائالىيەتتە مېھرىگۈل ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ شىن جىنغا غەيرەت ۋە ئىلھام بېرەتتى.

  3-ئاينىڭ 1-كۈنى پانۇس بايرىمدىن بۇرۇن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى ئاھالىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىر مەيدان بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەتكە مېھىرىگۈل ئىسھاق قوشنىلىرى بىلەن بىللە قاتناشتى، قوشنىلىرى ئۇنىڭ پائالىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى سورىدى.

  شىن جىن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭدىن «سىز دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپ نېمىشقا مەندىن يوشۇردىڭىز؟ پائالىيەتكىمۇ كەپسىزغۇ؟» دېدى.

  مېھىرىگۈل شىن جىننىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ «چوڭ ئىش يوق، كونا كېسەل، يەنە كېلىپ، مەن ئالدىنقى ئايدىلا سىزگە ماقۇل بولغان، ۋەدىگە ۋاپا قىلمىسام بولمايدۇ، يەنە كېلىپ سىز مېنىڭ تۇغقىنىم، سىز ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە  چوقۇم قاتنىشىشىم كېرەكتە» دېدى.

  پانۇس بايرىمىلىق پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىن جىن مېھرىگۈلنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىدى.

  مېھرىگۈل ئۇنىڭغا ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكنى، قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى، ئاز كۈندە دوختۇردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىر ھەپتىدىن كېيىن مېھرىگۈل ئۆزى ئېيتقاندەكلا شىن جىننىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، قولىدا بىر يېشىل رەڭلىك شارپىنى سوۋغات قىلىپ كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

  تونۇشقاندىن تارتىپ چۈشىنىشكىچە، ھەر قېتىمدا ئوخشاش بىر خىلدىكى سوۋغات تاپشۇرۇپ ئالغان شىن جىن مېھرىگۈلدىن ئىختىيارسىز ھالدا نېمىشقا ئوخشاش سوۋغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى سورىدى.

  مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر ئايال گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، مەن ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگە كىيىملىرىڭىزگە ھۆسن قوشىدىغان بېزەك بېرىشنى لايىق تاپتىم، ئوخشىمىغان ماتېرىيال ۋە رەڭدىكى شارپا ئوخشىمىغان سورۇنغا بارىدىغان كىيىملەرگە ماس كېلىدۇ، ھەر قېتىم مۇشۇ شارپىلارنى تاقىغاندا مېنى ياد ئېتىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى