تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدانىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا مېھمان كۈتۈشىدىن ئۈمىد بار

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدان قۇرۇلۇش نەق مەيدانى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدانى تۈرى ئومۇميۈزلۈك يەر يۈزى قۇرۇلۇش تۈرى باسقۇچىغا كىردى، كېيىنكى يېرىم يىلدا مېھمان كۈتۈشىدىن ئۈمىد توغۇلدى. ۋاقتى كەلگەندە يولۇچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول جەنۇبىي مەيدانى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرىدۇ، شىمالىي مەيداندىكى يولۇچىلار ئېقىمى تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ.

  تۈر قۇرۇلۇشى خادىمى جاۋ كۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: يەر يۈزى قۇرۇلۇشىدىن سىرت، قوشۇمچە بۇيۇملارنى بېتونلاش، كۆكەرتىش، كېچىلىك يورۇتۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. 9-ئايدا قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، تەڭشەش ئېلىپ بېرىش مۆلچەرلەندى.

  شىمالىي مەيدانغا سېلىشتۇرغاندا، كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان جەنۇبىي مەيداننىڭ ئىستىراھەت ئىقتىدارى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كۆكەرتىلگەن مەنزىرە، ئىستىراھەت ئەسلىھەلىرى، چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىش رايونى قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ ۋېيتەي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي مەيدان تۈر بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى ليۇ گاڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي مەيدان چۆكمە شەكىللىك بولۇپ، يولۇچىلار مەيداندىلا مال سېتىۋالالايدۇ ۋە ئارام ئالالايدۇ، مەيداندا باغچە، باغچىدە مەيدان بولۇش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  قۇرۇلۇش سۈرئىتى بويىچە جەنۇبىي مەيدان يەر يۈزى تۈرىدىن باشقا جەنۇبىي مەيدان ئەتراپىدىكى نەنيى يولى، جەنۇبىي ۋوگزال ئالدى يولى، جىڭبا يولى ۋە جىڭشى يولىدىن ئىبارەت تۆت يولدا 10-ئاينىڭ بېشىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ.

  ليۇ گاڭ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى 2-قەۋەتتىكى يولۇچى چۈشۈرۈش سۇپىسىدىن ۋوگزالغا كىرىپ، 2-قەۋەتتىكى ۋوگزال ئۆيىگە ئۇدۇل بارالايدۇ. ۋوگزال ئۆيىنىڭ يەر ئاستى 1-، 2-قەۋىتىدىن چىققاندىن كېيىن ئاپتوماتىك پەلەمپەي ئارقىلىق ئۇدۇل جەنۇبىي مەيدانغا چىققىلى بولىدۇ، BRT بېكىتى ۋە تاكسى يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. يولۇچىلار ۋوگزال سۇپىسىدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ۋوگزالدىن ئايرىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى