تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش بىلەن «ئالاقە تورى+» نىڭ يۇغۇرما ‏تەرەققىياتىدا پائال ئىزدىنىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۇنگېڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكە چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل توختاتماي ھەق ئالىدىغان ئېلىكتىرونلۇق ھەق ئېلىش (ETC) قاتارلىق يېڭى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ھەق ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  ۋۇ چۇنگېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىدا ئۆلكىنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغانلىقتىن، جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش سىياسىتى، سىستېمىسى ۋە ئېنىقلاپ ئايرىپ ھېسابات قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈزۈلمىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۆلكىلەر چېگراسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى بىكار قىلىش مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى قايتا قۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئاساسىي خاراكتېردىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئاپتوموبىللار ۋە ئاپتوموبىللار ئۆتىدىغان يوللارنى پەرقلەندۈرۈش، ھەق ئېلىش سىستېمىسىنىڭ ھېسابات قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ھەق ئېلىش سىستېمىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۆلكە ئاتلىغان مۇلازىمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەلەپلەر بويىچە تەڭشەش ياكى كۈچەيتىش كېرەك.

  نۆۋەتتە قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى بېكىتىپ، تېخنىكا لايىھەلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن سىياسەت-تۈزۈملەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جايلارنىڭ ئالاقە تورىدا ھەق ئېلىشى، شۇنداقلا ئالاقىدار سىستېمىلارنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، شارائىتى ياخشى رايونلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونلىرى قىلىپ تاللاپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىدا ئومۇملاشتۇردى.

  ھازىر شەندۇڭ، خېنەن ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئۈندىدار، چىقىمدان، بانكا بىرلەشمىسىنىڭ «بۇلۇت تېز تۆلەش» قاتارلىق يان تېلېفوندا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى نۇقتىدا سىناق قىلىندى. ۋۇ چۇنگېڭ مۇنداق دېدى: بۇ سىناقلار ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى موللاشتۇرۇپ، ئوخشاشمىغان ئابۇنىچىلارنىڭ ھەق تۆلەش ئادىتىگە ماسلىشىپ، تاشيول مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەم يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش تىجارىتىنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا پائال ئىزدەندى.

  ۋۇ چۇنگېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە «ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، جايلارنىڭ ETC مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئېلىشنى «ئالاقە تورى+» بىلەن يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئۇسۇللىرى، تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى پەرقلەندۈرۈش، يان تېلېفوندا كۆچمە ھەق تۆلەش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە قوللىنىش، تاشيوللارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا پائال ئىزدىنىلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى بىكار قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي شەرت بەرپا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى