تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

گىرىم بۇيۇملىرى تېرە سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    خانىم-قىزلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ. لېكىن گىرىم بۇيۇمىنى تاللىغاندا چوقۇم سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاشتىن باشقا، ئۆز تېرىسىگە ماس كېلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سۈپەتسىز گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ناۋادا گىرىم بۇيۇمى مۇۋاپىق تاللانمىسا، رېئاكسىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
    ئۇنداقتا گىرىم بۇيۇملىرى تېرە سەزگۈرلۈكى پەيدا قىلسا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
    1. قىزىرىپ ئىششىپ كېتىش
    گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن يۈزنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كېتىشى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۈز-كۆز قىزىرىپ ئىشىشىيدۇ. ئەگەر ئۇدا بىرنەچچە كۈنگىچە ئىششىق يانمىسا، بۇ گىرىم بۇيۇمىنىڭ رېئاكسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل گىرىم بۇيۇمىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
    2. تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە تارتىشىش
    بەزىلەر بىر قىسىم گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، تارتىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ رېئاكسىيە ئالامىتى. ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش باسقۇچى توغرا بولمىسا، تېرىسى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا گىرىم قىلغاندا ئالدى بىلەن تېرىگە يېتەرلىك سۇ تولۇقلاپ، نەملىك ساقلاش مېيى سۈرۈپ، ئاندىن ئايرىش مەلھىمى ۋە ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمىنى سۈرۈپ، ئاخىرىدا رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىمىز، شۇنداق قىلغاندا تېرە ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ياخشى سۈمۈرەلەيدۇ.

    3. قىچىشىش
    گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ گىرىم بۇيۇمىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك. چۈنكى يۈز تېرىسى نازۇك بولغانلىقتىن، رېئاكسىيە قىلىدىغان گىرىم بۇيۇمىنى داۋاملىق ئىشلەتكەندە تېرىدە ئېغىر يارا پەيدا قىلىدۇ.
    4. دانىخورەك ۋە ئەسۋە
    دانىخورەك ۋە ئەسۋە پەيدا بولۇشمۇ گىرىم بۇيۇمىنىڭ رېئاكسىيە ئالامىتى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا، يۈزنى دانىخورەك قاپلاپ كېتىدۇ. توختىماي قىزىل ئەسۋە چىقىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدىمۇ گىرىم بۇيۇمىنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.
    خانىم-قىزلار سەمىگە:
   خانىم-قىزلار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. ئەمما گۈزەللىكنى سۆيۈش بىلەن بىللە، گۈزەللىكنى قوغلىشىش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن چاغدا تېرىمىزدە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى پەيدا بولسا، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش، ئېغىر بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى