تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خۇنەن-شىنجاڭ» ساياھەت مەخسۇس پويىزى تۇرپانغا يېتىپ كەلدى

خۇنەنلىك ساياھەتچىلەر داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىندى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى «خۇنەن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى تۇرپانغا كەلدى، تۇنجى تۈركۈمدە كەلگەن ساياھەتچى 700 دىن ئاشتى.

  «خۇنەن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى خۇنەندىن يولغا چىققاندىن كېيىن، لوياڭ، شىنىڭ، دۈنخۇاڭ، تۇرپان، ئۈرۈمچى، جۇڭۋېي، كۆكخوت قاتارلىق ساياھەت شەھەرلىرىدىن ئۆتتى. تۇنجى قېتىملىق «خۇنەن-شىنجاڭ» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن، 700 نەچچە خۇنەنلىك ساياھەتچى تۇرپاندا يارغول قەدىمىي شەھىرى، بۇيلۇق، كارىز، يالقۇنتاغ قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىپ، تۇرپاننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ تۇرپانغا كېلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، خۇنەندىن يولغا چىقىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 20 گە، خۇنەندىن ئۆتىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 26 گە يېتىدىكەن. بۇ يىل خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇرپانغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى شۇنداقلا تۇرپان شەھىرى بىلەن چاڭشانىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى ئىكەن. تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەن جىنچياڭ مۇنداق دېدى :2017-يىلى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 18 ى قاتنىغان بولۇپ، 2018-يىلى تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەخمىنەن 48 گە يېتىدۇ. مەخسۇس پويىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خۇنەنلىك ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۈگۈن ئىككى ساياھەت پويىزى تۇرپانغا كەلدى، ساياھەتچىلەر تەخمىنەن 1400 دىن ئاشىدۇ.

خۇنەنلىك ساياھەتچىلەر بىلەن تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونى خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  2018-يىللىق «خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىشىپ «خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى. تۆمۈريول مەخسۇس پويىزى ئېتىبارى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا. ساياھەتچىلەرگىمۇ ئېتىبار سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، خۇنەن نوپۇسىدىكى ساياھەتچىلەر تۇرپانغا ساياھەتكە كەلسە ئۆمەك ياكى شەخسلەر پۈتۈن بىر يىلدا ئېتىبار پائالىيەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

 خۇنەن ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 2018-يىلى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىنى مۇكاپاتلاشقا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن بىر مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن.  «تىيانشان ئارزۇسى، خۇنەن-تۇرپان مۇھەببىتى» بويىچە خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 2013-يىلى باشلىنىپ، ئۇدا بەش يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. 2017-يىلى «خۇنەنلىكلەرنىڭ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش» پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، «گۇاڭجۇ-چاڭشا-تۇرپان» قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، چاڭشادا تۇرپان ساياھەت تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، تۇرپان شەھىرى پۈتۈن بىر يىلدا خۇنەنلىك ساياھەتچىلەردىن 306 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم)نى كۈتۈۋالدى. بۇ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.14 كۆپ بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسى «ساياھەتچىلەر مەنبەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۆھپە مۇكاپاتىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ئىچىدە 1-ئورۇنغا تىزىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى