تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

موھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتقان كۆيۈمچان ئاچا

  تورىمىز خەۋىرى: «سىڭلىم، سىزگە نېمە بولدى؟ قاپاقلىرىڭىز تۈرۈلۈپ كېتىپتىغۇ؟»، «ئاچا، توكسىكلىتىمغا توك قاچىلىغىلى بولمىدى، نېمە بولغىنىنى بىلمىدىم، بالامنى قانداق ئەكىلىمەن ئەمدى»، «جىددىيلەشمەڭ، مەن كۆرۈپ باقاي، چوقۇم  ئوڭشىغىلى بولىدۇ، ھودۇقماڭ.»

  ساۋەن ناھىيەلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئورمانچىلىق مەيدانى مەھەللە كومىتېتى خىزمەت ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خادىمى ۋاڭ لى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغقىنى ئارزىگۈل ھەبىبۇللانى يوقلىغىلى بېرىپ بىنانىڭ ئاستىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانىدى، سىڭلىسىنى بۇ ھالەتتە ئۇچراتقان ۋاڭ لى ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ۋە بىر چەتتە چۇۋۇلۇپ ياتقان توكسىكلىتنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆيىدىكىلىرىنى ياردەمگە چاقىردى.

  بىراق، ھېچقانداق سايمان يوق ھەم توكسىكلىتنىڭ توك يولىنى ئوڭشاشقا تەجرىبە يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ۋاڭ لى ئۆزى دائىم بارىدىغان توكسىكلىت رېمونتخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، كەسپىي رېمونتچىلارنى كېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە چاقىرتتى، ئىككى سائەتتىن كېيىن توكسىكلىت ئوڭشىلىپ، ئارزىگۈل ھەبىبۇللانىڭ چىرايغا كۈلكە يۈگۈردى.

  ئارزىگۈل ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: توكسىكلىتنى قانداق قىلىپ رېمونتخانىغا ئاپىرىپ بېرىشقا بېشىم قېتىپ ھەم بالىنى قانداق ئەكېلىشنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ئاچام ماڭا ياردەم قىلىپ توكسىكلىتىمنى ئوڭشىتىپ بەردى، بۇ ھەقىقەتەن «موھتاجلىقتا جانغا ئەسقېتىش» بولدى.

  ئارزىگۈل ھەبىبۇللا تاۋيۇەن 3-قارار ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، يولدىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتلاردا ئىشلەپ يۈرگەچكە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. ۋاڭ لى ئارزىگۈل ھەبىبۇللا بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ ۋە ئارزۇگۈلنىڭ شۇ قەدەر قەيسەرلىكىنى ھېس قىلىپ، قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش كويىدا بولدى.

  ئارزىگۈل ھەبىبۇللانىڭ ئوغلى زۇلپىقار ئەرشىدىن شوخ ھەم ئوماق بالا، ئۇنىڭ تۆت ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ۋاڭ لى ئالايىتەن ئورۇن زاكاز قىلىپ يولدىشى ۋە بالىسىنى ئېلىپ زۇلپىقارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ كىچككىنە قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ، ئارزىگۈل ھەبىبۇللانىڭ بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ۋاڭ لى ئارزىگۈل ھەبىبۇللانىڭ قىزى سەنەم مۇتەللىپنىڭ پات ئارىدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ، ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ شۇنىڭدەك ياخشى تەكرار قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. يەنە تېخى ھەر خىل قۇۋۋەتلىك يېمەكلىرىنى ئەكېلىپ، سەنەمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ياخشى بېرىشىگە ياردەمدە بولدى.

  بىر ئىككى كۈندىن بۇيان، ۋاڭ لى ئارزىگۈل ھەبىبۇللانىڭ ھەمىشە بېلىنى تۇتۇپ، ساقسىز يۈرگىنىنى كۆرۈپ، بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر ئەمگەكتىن بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا ئاتاپ دورىلىق چاپلاق ئالدى، ھەمدە چوڭلارنىڭ تۇزىنى قورۇپ، ئاغرىغان يەرگە قويسا ئارام تاپىدىغان يەرلىك ئۇسۇلىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئىككى خالتا تىكىپ، بازاردىن تۇز ئەكىلىپ قورۇپ، خالتىنىڭ  ئىچىگە سېلىپ، ئارزىگۈل ھەبىبۇللاغا بەردى ۋە ئۇنىڭغا سالامەتلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

  ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىشلار بەك بېسىق بولۇپ كەتتى، بۇلار ئاز دېگەندەك ئۇنىڭ كونا كېسىلى قوزغالدى. بىز ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىم بار، سىڭلىم ئارزىگۈلگە ئاسان ئەمەس، كىچىككىنە ياردىمىم ئارقىلىق ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، يۈكىنى يەڭگىللىتەلىسەم ئۆزۈممۇ خۇش بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى