ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىشقا باشلىدى، ئىسسىق ھاۋادا بىر ئىستاكان سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە ئادەم سالقىنداپ، راھەتلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ھەيز مەزگىلىدىكى خانىم-قىزلارغا سوغۇق ئىچىملىكلەر ئانچە ماس كەلمەيدۇ. سوغۇق ئىچىملىكلەردىن باشقا، يەنە ئۈچ خىل ئىچىملىك ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىمۇ ھەيز مەزگىلدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
چۈچۈمەل تەملىك ئىچىملىكلەر. لىمون سۈيى، جۈزە سۈيى، قارا ئۆرۈك شەربىتى، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ئالما سىركىسى قاتارلىقلارنى ھەيز مەزگىلىدە ئىچىشكە بولمايدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە قارىلىشىچە، ھەيز مەزگىلىدە چۈچۈمەل تەملىك ئىچىملىكلەرنى ئىچسە، ئادەتنى ئازايتىۋېتىدىكەن.
تەبىئىيىتى سوغۇق ئىچىملىكلەر. تەبىئىيىتى سوغۇق ئىچىملىكلەرنىڭ ئادەتتە ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە بۇ ئىچىملىكلەرنى كۆرگەندە ئاسانلا قان ئۇيۇۋېلىپ، قاننىڭ چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ، مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە كۆپىيىش سىستېمىسى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر تاۋۇز، قوغۇن، يېزى، خولۇڭگو؛ چايلار كۆك چاي، كۆك كاۋا چېيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەردىن تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنى ھەيز مەزگىلىدە ئىمكان بار ئازراق ئىچىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ساقلانغان قېتىقنىمۇ ھەيز مەزگىلدە ئىچىشكە بولمايدۇ.
ئىسپىرت تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر. ئىسپرت قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بولۇپمۇ، ئەسلىدىلا ئادىتى ئاز ھەم ئادەت ۋاقتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلار ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچسە كۆپ قان كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئامال بار قىزىل ھاراق، قارىئۆرۈك ھارىقى، ئاق ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
قايناقسۇ، قارا شېكەر سۈيىدىن باشقا، ھەيز مەزگىلىدە تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولغان ئالما شەربىتى، ئۈزمە شەربىتى، ئانار شەربىتى ياكى قىزىل چاي، ئالقات چېيى ئىچسىمۇ بولىدۇ.