ئۆز خەۋىرىمىز. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ھۆل-يېغىن يېغىپ، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا بورانلىق ھاۋارايى ھەمدە روشەن چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قاتناش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يامغۇر ۋە بورانلىق ھاۋارايى گەرچە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەسىرى ئۇنچە چوڭ بولمىغان. شۇنىڭدەك، ھاۋارايى سەۋەبلىك يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلمىگەن.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قاتناش قوماندانلىق مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 14:00كە قەدەر، ئاقسۇ ۋە كۇچادا چىققان قاتتىق بوران سەۋەبلىك، ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچكتۈرۈلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆل-يېغىن ۋە بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 14:00كە قەدەر، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى جەمئىي ئالتە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.