تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتايلى

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

   ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدە ئېلىپ بېرىلغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى، تۇغقانلاشقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى. بۇ، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەچكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىشى، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.

   ‹‹چېڭ مۇئەللىم بىز بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا بولۇپ كەتتۇق››. 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۆزى بىلەن تۇغقان بولغان ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى تاراتقۇ شۆيۈەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېڭ يەنرۇڭنى تىلغا ئالغاندا دىلمۇراتجان قاھار سۆزىنى توختىتالماي قالدى. ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، چېڭ يەنرۇڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا دىلمۇرات قاھارلارنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كىردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلار چېڭ يەنرۇڭدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولدى. دىلمۇرات قاھارمۇ چېڭ يەنرۇڭنىڭ ياردىمىدە، ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلەپلا قالماي، يەنە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن بولدى.

   بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بەش گۇرۇپپا بولۇپ،  قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇدىكى 18 ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىدى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلسا، يەنە بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەردى.  ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتكومى ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى يەنە مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار تۇغقانلىشىش ۋە ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئېچىلدۇردى. ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى رەقەملىك تاراتقۇ تېخنىكىسى ‹‹1621›› سىنىپىنىڭ سىنىپ مۇدىرى ۋۇ فاڭجې مۇنداق دېدى: مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇتقاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ MHK (دۆلەت تىلى سەۋىيە سىناش) ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن %20 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بەزى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى.

   مەكتەپ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك شەخس، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن، يىل بويى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغان، قەيەرگە بارسا شۇ يەردە ياخشى ئىش قىلغان ئوقۇتقۇچى جۇ يا قاتارلىق نەمۇنىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىدى؛ مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش سىنىپ تەشكىللەپ دەرس ئۆتۈش، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىراكتىكا قىلدۇرۇشنى ۋە تۇغقان بولۇشنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتتى.   

   ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ تيەنشى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە مەكتەپنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى داۋاملىق ئېچىلدۇرۇپ، مەكتىپىمىزنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان لاياقەتلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان ھەقىقىي بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى