تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ...

ـــ شىنجاڭ داشۆنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا

   ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئالىي مەكتەپنىڭ ئەخلاق بىلەن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىغان يادرولۇق دەرس، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسلىق يولى، بۇ دەرس مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدىغان دەۋر يېڭى كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېقىندا مۇخبىرىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ ماركسىزم ئىدىيەسى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماركسىزملىق تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، ماركسىزملىق غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسىنى ئۆتۈشنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى.

   ‹‹ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى <ئىككىدە> مەكتەپكە ماس كېلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتۈپ، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈپ، دۆلەت ئۈچۈن سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى بولغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك››. شىنجاڭ داشۆ 2017 – يىلى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان›› داشۆ قاتارىغا، ماركسىزم نەزەرىيەسى ئىلمى ‹‹ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن›› قاتارىغا كىردى. بۇنىڭ بىلەن ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش نىشانى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

   يېڭى دەۋردە ماركسىزملىق ئېتىقادى چىڭ ئىختىساسلىقلارنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ماركسىزمنى ياشلارنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگىلى بولىدۇ؟ كۆپ يىل ئوقۇش – ئوقۇتۇش جەريانىدا، شىنجاڭ داشۆ بەزى ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

   قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل دەرسخانا بەرپا قىلىش

   جىلۇ يولى، شيۇسۇڭ يولى، چۇڭيۈەن يولى، يەنبىڭ يولى... شىنجاڭ داشۆدىكى كوممۇنىستلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ يوللاردا سەيلە قىلىۋېتىپ، قىزىل گېننىڭ 94 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئالىي مەكتەپتە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. بۇ مەكتەپتىكى پېشقەدەم پىروفېسسور ئېيتقاندەك: قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان مەكتەپ ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   شىنجاڭ داشۆ شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە ئالىي مەكتەپ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ئالىملار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، بۇ مەكتەپكە رەھبەر بولغان ۋە دەرس ئۆتكەن، ماركسىزمنىڭ ئۇرۇقى بۇ يەردە چېچىلىپ، مەكتەپ ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى تارقىتىدىغان بازا ۋە ھەر مىللەت ئىلغار ياشلارنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم ياش ئوقۇغۇچىلار قەتئىي ھالدا ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان.

   قانداق قىلغاندا شىنجاڭ داشۆنىڭ قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر قىزىل دەرسخانىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، مەكتەپنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىنى ئىگىلەش ھەر يىلى بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى دەرس قىلىنغان. ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيەۋى –  سىياسىي دەرس ئۆتكەندە مەكتەپنىڭ ‹‹قىزىل›› بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غايە  – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشى، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ۋە مۇھىت يارىتىپ بەرگەن. قىزىل گېن ئوقۇغۇچىلارنى جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان غايە – ئېتىقاد مايىكىغا ئايلانغان.

   ئىگىلىنىشىچە، قىزىل بايلىقنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ــ شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ‹‹جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ تېزىسى›› ۋە ‹‹ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە›› كافېدراسى قانات يايدۇرغان ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرس بويىچە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ پائالىيەتتە 8 – ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى، ماۋ زېمىننىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسى ۋە شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 30 نەچچە ئىنقىلابىي تەربىيەلەش بازىسى ئۆگىنىش ئورنى قىلىنغان.

   شىنجاڭ داشۆ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەنۋەر 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن يازغان ‹‹جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخى تېزىسى›› بويىچە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى دوكلاتىدا مۇنداق يازغان: بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىدىن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ غەلىبىدىن  غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى چۈشەندۇق، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۈلگە قىلىپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى سەھىپە يارىتىشىمىز كېرەك.

   شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى، ماركسىزم شۆيۈەنى ‹‹جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخى تېزىسى›› كافېدراسىنىڭ مۇدىرى يالقۇن مەمەتيارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇدا توققۇز يىل شىنجاڭغا خاس ‹‹قىزىل›› بايلىقلارنى قېزىپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزمنىڭ شىنجاڭدا دەسلەپكى مەزگىلدە تارقالغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› ئېڭى كۈچەيتىلگەن. ھازىر بۇ دەرس بارلىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلۈپ، مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش ۋە باھالاش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپتۇ.

   يېتەكچىلىككە، ئەمەلىيەتچىلىككە ۋە ئىجادچانلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش

   شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى چېن شۈ قاتارلىق كىشىلەر يېقىندا سۇنغان ‹‹ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى <سىياسەت ۋە ۋەزىيەت> دەرسىنىڭ مودۇللاشقان ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش›› تۈرى مەكتەپ تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىنى باھالاشقا يوللىنىپتۇ.

   ‹‹ۋەزىيەت ۋە سىياسەت›› دەرسىنى ئۆتۈۋاتقان چېن شۈ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى كۆپەيتتى ھەم ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ‹‹ۋەزىيەت ۋە سىياسەت›› دەرسىنىڭ مودۇللاشقان ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. مەسىلەن: ئۇ ‹‹ھۈنەرۋەن روھى››، ‹‹تۆت ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە ئادەم قۇتقۇزۇشى›› ۋە ‹‹يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەر›› قاتارلىقلارنى ئاساسىي تېما قىلىپ لايىھەلىگەن مەخسۇس تېمىدىكى ئوقۇتۇشلار ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھازىر شىنجاڭ داشۆنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى مەخسۇس تېمىدىكى ئوقۇتۇش، توردا ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.

   شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ياڭ لى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىشقا قاراپ ئۆزگەرتىش، ۋاقىتقا قاراپ ئىلگىرىلەش، ۋەزىيەتكە قاراپ يېڭىلاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ماركسىزم نەزەرىيەسى بىلەن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹كىمگە ئىشىنىش، كىمگە ئەگىشىپ مېڭىش›› مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ‹‹ئېنىق سۆزلىيەلەيدىغان، چۈشەندۈرەلەيدىغان›› سەۋىيەگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

   ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنىڭ جەلپكارلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ماركسىزم شۆيۈەنى ‹‹شىنجاڭ داشۆنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى›› قاتارلىق پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى قاتارلىق سۇپىلارنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىپ، ماركسىزم ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەت، دىن ۋە چېگرا رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر نەچچە مۇھىم تەتقىقات ساھەسىنى بېكىتكەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈردىكى پەن تەتقىقات تېمىلىرىدىن 40ى تەستىقلىنىپ، مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە، بەلگە خاراكتېرلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسلىق ئوقۇتۇش بايلىقى قىلىنىپ، ئوقۇتۇشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

   ياڭ لى مۇنداق دېدى: ماركسىزم ئېتىقادى چىڭ بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم داشۆلىرىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا مۇقەددەس بۇرچى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا، بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە سىياسىي مەيداننى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە 19 – قۇرۇلتاي روھىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يۈكسەك غايىگە ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى