تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەربىي سودا قورال ئەسلىھەلىرى قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان جۇڭگو تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان.
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 5-نۆۋەتلىك قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئېچىلدى. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات مەركىزى جۇڭگودىكى يەتتە چوڭ تىپتىكى ھەربىي سودا شىركەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى ئۇيۇشتۇردى، كۆرگەزمىگە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قاتناشتۇرۇلدى.

قازاقىستان مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسىدە 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «باۋلى» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇمى. (ئاباللوۋ فوتوسى)

ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كۆرگەزمى بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.  (ئاباللوۋ فوتوسى)
ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان كۆرگەزمە سارىيىغا كىرمەكتە. (ئاباللوۋ فوتوسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى