تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

‹‹تەلىيىمگە ياخشى ئاچام بار بولدى››

   گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ چۈنلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇڭ تيەنتيەن خەۋەر قىلىدۇ: تولى ناھىيەسىنىڭ دولاتى يېزىسى سايباق كەنتىدىكى سېرىكبېك قازىبېك 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى قوتىنىدىكى قويلىرىغا يەم بەرگەچ، ئون نەچچە پاقلاننىڭ تاقلىشىپ، مەرىشىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ‹‹ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى››.

   سېرىكبېك قازىبېك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تەلىيىمگە خەنزۇ ئاچام بوپقاپتىكەن، ئۇنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

   2016 – يىلى 10 – ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى باشلانغاندا، تولى ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى يەن لىيىڭ سېرىكبېك قازىبېك بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

   تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە، سېرىكبېك قازىبېكنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى يەن لىيىڭدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. يەن لىيىڭ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا يېقىن تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق، بېرىش – كېلىشنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، سېرىكبېك قازىبېكنىڭ ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچانلىقىنى ھېس قىلدىم.

   سېرىكبېك قازىبېك يەن لىيىڭغا مۇنداق دېدى: سىز مەندىن چوڭكەنسىز، سىزنى ئاچا دەپ چاقىراي. تۇرمۇش ئەھۋالىمنى كۆردىڭىز، قىيىنچىلىقىم بار، بىرەر ئىش قىلىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلىسام دەيمەن.

   سېرىكبېك قازىبېكنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا، يەن لىيىڭ ئۇنىڭغا: ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى بىر يەردىن چىقىپتۇ، سىز تىرىشسىڭىزلا، مەن سىزدىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن، دېدى.

   سېرىكبېك قازىبېكنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەن لىيىڭ كۆپ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا باقمىچىلىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپكە سېرىكبېك قازىبېكمۇ قوشۇلدى، ئەمما ئۇ باقمىچىلىققا كېتەرلىك مەبلەغنى قانداق ھەل قىلارمەن، دەپ بېشى قاتتى. يەن لىيىڭ تۇغقىنىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەھۋال ئۇقۇشتى. بۇلتۇر يىل بېشىدا، يەن لىيىڭ سېرىكبېك قازىبېككە 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى.

   مەبلەغ ھەل بولغاندىن كېيىن، سېرىكبېك قازىبېك 14 ساغلىق سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىققا كىرىشىپ كەتتى. سېرىكبېك قازىبېكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تىرىشچان بولغاچقا، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بىر تەرەپتىن تاپقان پۇلىغا قوي سېتىۋېلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا قويلىرىنى 80گە يەتكۈزدى.

   سېرىكبېك قازىبېك يىل ئاخىرىدا ئەسلىدىكى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ قايتۇرىدىغان قەرزنى بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇۋەتتى. تۇرمۇشىمۇ ياخشىلاندى. بۇنىڭ بىلەن يەن لىيىڭنىڭ ئىنىسىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا سېرىكبېك قازىبېك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئويى بارلىقىنى ئاچىسى يەن لىيىڭغا ئېيتتى، يەن لىيىڭ ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى قوللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا يەنە 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى.

   سېرىكبېك قازىبېك ئۆزىنىڭ بېيىش تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا توختالغاندا، ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر قويۇم 100 دىن ئاشتى، كۆپىنچىسى ساغلىق، بۇ يىل ئەتىيازدا 60 قويۇم تۆللىدى. ئاچام يول كۆرسىتىپ، ئەقىل ئۆگىتىپ تۇرسىلا ئۇزاققا قالماي كەنتتىكى ئالدىن بېيىغان ئائىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمغا كۆزۈم يېتىدۇ.

   ــ ھازىر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق، ئىنىمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭغا تۇغقاندارچىلىق مېھرىمنى ھەقىقىي يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن، - دېدى يەن لىيىڭ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى