تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقان شاپتۇللۇق باغ ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يوپۇرغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسىدا 200 موغا يېقىن شاپتۇللۇق باغ بولۇپ، باھاردىكى چېچەك پەسلىدىن باشلاپ، مېۋە پىشىقىغىچە بۇ شاپتۇللۇق باغلاردىن ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمى ئۈزۈلۈپ باقمىدى. بولۇپمۇ، بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلگىنىدە باغ ئادەم دېڭىزىغا ئايلىناتتى.

  «بۇلتۇر ئۆيۈمدىكىلەرنى باشلاپ بۇ يەرگە شاپتۇل، توغاچ ئۈزگىلى كەلگەن، يەنە تېخى 10 نەچچە يەشىك ئېلىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە بەرگەنىدىم، ھەممەيلەنگە تېتىپ كەتتى. شەنبە-يەكشەنبە كەلسىلا، ئائىلىدىكىلىرىم بىلەن يەنە بۇ يەرگە ئوينىغىلى كېلىپ تۇرۇۋاتىمىز» دېدى ساياھەتچى يۈەن مىڭيا 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىرغا.

  بۇ شاپتۇللۇق باغ ئەمەلىيەتتە ئاچچىق بازىرى چىسېرىق كەنتىدىكى «سەيرې» شاپتۇللۇق بېغىنى كۆرسىتىدۇ. شاپتۇللۇق باغنىڭ ئىگىسى يەرلىك دېھقان ئابلىز ئەۋەل بولۇپ، ئۇ بېغىنى دېھقانلار ئارامگاھىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا تائاملىرىغا ئېغىز تېگەلەيدىغان، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ باقىدىغان بولدى.

  ئابلىز ئەۋەل 2017-يىلى ئۇ كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ 10 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

  تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئابلىز ئەۋەل ئەتراپتىكى دېھقانلارنى باشلاپ بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرماقچى بولدى. بۇ يىل، ئاچچىق بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇ بېغىغا 49 نەپەر خىزمەتچىنى قوبۇل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى چېچەك تاماشاسى، مېۋە ئۈزۈش ساياھىتىگە يۈرۈشلەشكەن ئېسىل سەھرا تائاملىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  شاپتۇللۇق باغ تىلغا ئېلىنسا، ئابلىز ئەۋەل خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالىدۇ: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل كەنتىمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 34 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۇلارنى باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولسا، تېخىمۇ كۆپ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ».

  «مەن بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن  ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردىم، بۇ يىل ئىشىكىم ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ھەر ئايدا مۇقىم 2000 يۈەن كىرىم كىرىدۇ، بۇ يەردە ھەم تېخنىكا ئۆگىنەلەيمەن، ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن رازى بولدۇم» دېدى چىسېرىق كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئەزىز مەمەت.

  يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىلدىن باشلاپ «بىر ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ «كوپىراتىپ + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن يۆلەشتە يېڭى يول ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى