تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دائىم يالغۇز تاماق يەيدىغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى بولمايدىكەن

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكسفورد داشۆسى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، روھىي كېسەللىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىدىن قالسا، يالغۇز تاماق يېيىش ئادەمنى بەختسىز ھېس قىلدۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئىكەن.

    تەخمىنەن %25 چە قورامىغا يەتكەن كىشى ئالدىراش تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت جەمئىيەتتە مۇستەقىل تۇرۇش سەۋەبلىك، دائىم يالغۇز تاماق يەيدىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بەدىنى مېيىپ بولۇش ۋە ئىقتىسادى ناچار بولۇشقا سېلىشتۇرغاندا، يالغۇز تاماق يېيىش ئادەمنى تېخىمۇ بەختسىز ھېس قىلدۇرىدىكەن.

    بۇ تەتقىقاتقا 8000 ئادەم قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان %20 ئادەم ئىزچىل يالغۇز تاماق يەيدىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بويتاق ياكى ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغانلار ئىكەن. ئەمما كۆپ قىسىم پېنسىيەگە چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسەن يالغۇز تاماق يېمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقاتتا يەنە بايقىلىشىچە، ھەر ئون بويتاق ئىچىدە ئالتىسى دائىم يالغۇز تاماق يەيدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ يالغۇز تاماق يېيىش نىسبىتى ئارانلا سەككىزدىن بىرنى ئىگىلەيدىكەن.

    گەرچە بۇ تەتقىقاتتا، يالغۇز تاماق يېيىشنىڭ ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم دېگۈدەك ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېيەلمەيدۇ. بەزى ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئەمەس، شۇڭا يالغۇز تاماق يېيىشنى تاللايدۇ، ئەمما يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن بەك ئالدىراش بولغاچقا، يالغۇز تاماق يېيىش ئارقىلىق  ۋاقتىنى تېجەيدۇ. 

    يالغۇز تاماق يېگەندە ئادەمنى بەختسىز ھېس قىلدۇرۇپ قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇنداق دېدى: «يالغۇزلۇق ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئېغىر كېسەللىك، شۇڭا بىز كۆپرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. كىشىلەر ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق يالغۇزلۇق ھېسسىياتىنى يوقاتسا بولىدۇ».

    بۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولۇش، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق، ۋاقىت بېسىمى چوڭ بولۇشمۇ ئادەمنى بەختسىز ھېس قىلدۇرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى