تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىچكى ئىشلار–ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن يۈسۈپ

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە ناھايىتى زور زىيان سالدى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنىڭ ئىناق، مۇقىم سىياسىي ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

   ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولىغا ئايلاندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقاتمىغىچە، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ. مەن باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن.

   مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

   پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، غايە، ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى، سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولىمەن.

   باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى دادىل ئادا قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولىمەن. خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ھەقىقىي تۈردە باش نىشانغا قويۇپ، قەتئىي تۈردە تونۇشۇمنى، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە قەتئىي بويسۇنىمەن، ئومۇمىيەتكە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىمەن. ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە زوراۋان – تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ تۈرلۈك سورۇنلاردا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى باشلامچىلىق، مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، ‹‹ئاساسىي قانۇن››، ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى››، ‹‹تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى يولغا قويۇلۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ياخشى باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىمەن، ئىدارىدە، ئائىلىدە، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم، دوستلىرىم ۋە قوشنىلىرىم ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا، ھەر بىر كىچىك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن. ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنى مەنبەدىن تۈزەپ، چوڭقۇر قېزىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىمەن.

   سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزاسىلىق  مەجبۇرىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزىمەن، خىزمەت ئىستىلىمنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە پۇختا ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى