تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باشلامچىسى لۈ داخەي

تىرىشايلى، بەختلىك بولايلى

مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن مىڭ ۋېنتۈەن

   بىز 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ماناس ناھىيەسىنىڭ بېيۋۇچا بازىرى سەنساكۇ كەنتىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىسى لۈ داخەينىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا، ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى رېمونت قىلىۋاتقان ئىكەن.

   2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، لۈ داخەي ۋە لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىردىنلا داڭقى چىقتى. شۇ كۈنى ‹‹خەلق گېزىتى››دە لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان تۆت تىراكتورىنىڭ ئېتىزدا تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئاخبارات سۈرىتى ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.   

   48 ياشلىق لۈ داخەي سەنساكۇ كەنتى لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى. لۈداخەي مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك.

   لۈ داخەي كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ كۈن چىققاندا ئىشقا چىقىپ، كۈن پاتقاندا ئىشتىن قايتىدىغان تۇرمۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى 200 مو يەرگە سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئىشلەپ، ھارغىنىدىن بېلىنى ئالالماي قالاتتى.

   لۈ داخەينىڭ دادىسى 1995 – يىلى 39 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بىر نىمكەش تىراكتور سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. تىراكتورغا تايىنىپ 200 مو يەرنى جاپا تارتمايلا تېرىۋالدى، يەنە بوش ۋاقىتلىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ بەردى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن لۈ داخەي يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يەر ھەيدەپ بېرىپ پۇل تاپتى.

   يېقىنقى بىر قانچە يىلدا چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، رىقابەتمۇ ناھايىتى كەسكىن بولدى. لۈ داخەي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالمىغاندا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋەتتى، يەر تېرىپ يېتىشەلمىگەن ۋاقىتلىرىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يەنە سېتىۋالدى، بۇ جەرياندا، ئۇ يەرنى تاشلاپ، ئاشخانا ئېچىپمۇ باقتى، ئۇ ئىككى دوستى بىلەن بىللە 800 مىڭ يۈەندىن مەبلەغ چىقىرىپ، ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچتى، نەتىجىدە ئاشخانىسى ئۈچ ئاي بولمايلا تاقىلىپ قالدى.

   لۈ داخەي 2013 – يىلى ناھىيە بويىچە تۇنجى پاختا تېرىش ماشىنىسى سېتىۋالدى.

   ئۇ: شۇ چاغدا پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپلا قورقۇپ كەتتىم، 3 مىليون 150 مىڭ يۈەن، بۇ ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن كۆپ پۇل ئىدى. سىڭلىم ئىككىمىز پۇل غەملەپ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپشۇرۇپ، پاختا تېرىش ماشىنىسىنى سېتىۋالدۇق. ئەگەر قاملاشتۇرالماي زىيان تارتسام، قانچىلىك كېۋەز تېرىساممۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايتتىم، بۇ ئىشنى ئويلىسام ھازىرمۇ قورقىمەن، دېدى. لېكىن كېيىنكى ئىشلار لۈ داخەينىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

   لۈ داخەي مۇنداق دېدى: بىر مو يەردىكى پاختىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تېرىسا تەننەرخى 800 يۈەن بولىدۇ، كەنت بويىچە 7800 مو يەر 600 دىن ئارتۇق پاختا تەرگۈچىگە ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاختا تېرىش باھاسى بارغانسېرى ئۆرلەپ، كۆپلىگەن دېھقانلار پاختىنى ماشىنا بىلەن تەرگۈزۈشكە باشلىدى.

   لۈ داخەي پاختا تېرىش ماشىنىسىنىڭ قەرزىنى ئۈچ يىلغا يەتمەي تۇرۇپلا قايتۇرۇپ بولدى. بۇلتۇر پاختا تېرىش ماشىنىسىدىن يەنە بىرنى سېتىۋالدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن قىلىنغان كىرىمىلا 1 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭغا 1000 مو ھۆددە يېرىنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   بېيىغان لۈ داخەي يەنە يېڭى ھايات نىشانىنى بېكىتتى، لۈ داخەي مۇنداق دېدى: مەن بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن بېيىشقا يېتەكلەپ، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىش قىلىشنى ئويلايمەن.

   لۈ داخەي 2014 – يىلى ئۆزىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، دەسلىپىدە تۆتلا ئەزاسى بار ئىدى، ھازىر تەرەققىي قىلىپ 50تىن ئاشتى، چوڭ تىپتىكى بەش پاختا تېرىش ماشىنىسى، شۇنداقلا باشقا ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى بار بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى يەر تېرىش، يەر تۈزلەش، ئۇرۇق سېلىش، دورا چېچىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون 535 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرى پاي قوشقان يەنە 5000 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بار ئىدى. 2017 – يىلى كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

   بۇ يىلنىڭ بېشىدا، لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر قېتىمدىلا يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش تېرمىنال سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئون يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسى بار بولدى، 6700 مو يەرنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ھەپتىدە تېرىپ بولىمىز؛ ئىلگىرى ھەر بىر سېيالكا كەينىدە بەش ئادەم ئەگىشىپ بىللە مەشغۇلات قىلاتتى، ھازىر بىر ئادەم بولسىلا ئورۇنداپ بولغىلى بولىدۇ؛ ئىلگىرى بىر مو يەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە كىلوگىرام ئۇرۇق سېلىناتتى، ھازىر 1.6 كىلوگىرام ئۇرۇق بولسىلا يېتىدۇ. يەر تېرىشتا زامانىۋى ماشىنىدىن پايدىلىنىمىز، مۇشۇنداق بولغاندىلا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   62 ياشلىق دېھقان جاڭ لىۋېن مۇنداق دېدى: تىراكتورغا يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىش ‹‹كۆز›› ئورناتقان بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئارزۇ قىلغان ئاپتوماتىك يەر تېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   لۈ داخەي مۇنداق دېدى: بىز دۆلەتنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ، ئورۇننى توغرا بەلگىلەش، ئاپتوماتىك يول باشلاش، نەرسە تورى قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى