سۈرەتتە، بىڭتۈەن 10-شىسى 183-تۈەن خىزمەتچىلىرى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى «لۇڭجياڭ» ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە گۈل-گىياھلارنى پەۋرىش قىلماقتا.
بىڭتۈەن «لۇڭجياڭ»ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە، پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش، پارنىكتا ئارىلاشما پەسىللىك مېۋە، كۆكتات ئۆستۈرۈش، ئۆزگىچە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان خاس تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇردى. ھازىر بازىنىڭ يىللىق مېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2000 توننىدىن ئاشىدۇ، يىلىغا 3 مىليون تۈپتىن كۆپرەك مايسا يېتىشتۈرىدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
چېن ياڭ فوتوسى