چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى باقمىچىلىق مەيدانى توقاي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئېتىزلىققا شال مايسىسى كۆچۈرمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردە ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى شال مايسىسى كۆچۈرۈشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئېتىز – ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. شاللىقلار سۇغا تولدى، ئېتىز – ئېرىق بويلىرىدىكى ئىھاتە ئورمانلار قويۇق يوپۇرماق چىقاردى، يىراقتىكى قارلىق تاغلار خىرە كۆرۈنۈپ، بىپايان زېمىندا يېيىلىپ ياتقان ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى.