تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاتىلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئەقىللىق بولىدىكەن

    گېرمانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

    گېرمانىيە نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار ئەركەك يېتىلگەن چاشقاننى «غىدىقلىغۇچى» مۇھىتنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئۇلارنى كۆپ مىقداردا ھەرىكەت قىلغۇزغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى سىنىقىدىكى ئىپادىسى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكى تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭكىدىن ياخشى چىققان، سەقەنقۇر بۈدرىسىنىڭ ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. سەقەنقۇر بۈدرىسى چوڭ مېڭىدىكى ئۆگىنىشنى «بۆلۈپ باشقۇرىدىغان» مۇھىم رايون، ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقە دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۆگىنىش ھۈجەيرىسىنىڭ ئاساسى.

    تەتقىقاتچىلار «ھۈجەيرە دوكلاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ يازغان: بۇندىن بۇرۇنقى بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ھەرىكىتى بىلىش مەشىقى بىلەن بىرلەشكەندە ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئالجېمېر كېسىلى قاتارلىق مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەجرىبە چاشقىنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ياخشى تەرەپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: تەجرىبە چاشقىنى بەدىنىدىكى بايقاشنىڭ ئىنسانلارغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەرىكەتنىڭ پايدىلىق تەرىپى بولسا، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىدىكى رىبو يادرو كىسلاتاسى مولېكۇلاسىنىڭ ياردىمىدە  ئەركەك چاشقاننىڭ  DNA سى بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. تەتقىقاتقا قاتناشقان ئاندىرىۋ فىشېر ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىگە مۇنداق دېدى: «ھەرىكەت ئىنتايىن نازۇك ئۇسۇل بىلەن چوڭ مېڭە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋىلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنى بىلىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى