تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۈەن 6-شىسى تۈەن-مەيدان ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ مۇستەقىل، ليەندۈيلەرنى باشقۇرۇشى تېخىمۇ دېموكراتىك بولدى

   مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: ياز كىرىشى بىلەن، بىڭتۈەن 6 – شىسىنىڭ تۈەن – مەيدانلىرىغا، ليەندۈيلىرىنىڭ 1 – سېپىگە بېرىپ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كۆردۈم: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش – تەمىنلەش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى ‹‹بەش بىرتۇتاش›› ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ، ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان ئېتىزى بار بوپتۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسى تېخىمۇ جانلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېخىمۇ مۇستەقىل بوپتۇ؛ كادىرلىق سالاھىيەت بىكار قىلىنىپ، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ليەندۈيلەرنىڭ ‹‹ئىككى كومىتېت››ى سايلاپ چىقىلىپ، ليەندۈيلەرنى باشقۇرۇش تېخىمۇ دېموكراتىك، ‹‹ئىككى كومىتېت››نىڭ مۇلازىمەت ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك بوپتۇ.

   2017 – يىلى 6 – ئايدا، بىڭتۈەن پارتكومى 6 – شى – ۋۇجياچۈ شەھىرىدە تۈەن – مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال، يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى پۈتۈن شى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بېكىتكەن بولۇپ، ھازىر باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

   كېۋەز مايسىلىرى بولۇق ئۆسكەن كەڭرى كېۋەزلىكتە ئىشچى – خىزمەتچىلەر كېۋەزلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ گۇۋاھنامە تارقىتىلىشى بىلەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ 1 – سېپىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنى تۈزۈم جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تۈەن – مەيدانلارنىڭ تەشكىللەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، باشقۇرۇش ماھارىتى ئۆستۈرۈلدى؛ يېزا ئىگىلىكىدىكى ‹‹بەش بىرتۇتاش›› ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بازار سۇبيېكتلىق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   6– شى ئىسلاھات ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال يېرىم يىل ئۇل خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈەن – مەيدانلارنىڭ ‹‹تېگى››نى ئېنىقلاپ، ئادەم سانى، يەر، مەبلەغ، قەرزلەرنىڭ ئېنىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   6– شىنىڭ تۈەن – مەيدانلىرىدا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈەن قۇرغان كارخانىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ئىجتىمائىي ئىشلاردا، تىجارەت خاراكتېرلىكلىرىنىڭ بازارلاشقان تىجارەتكە كىرىشى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ شى – شەھەرنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلىشى بىلەن، تۈەن – مەيدانلار مەمۇرىي فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم قەدەم باستى. مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ‹‹ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كاپىتالنى، مەمۇرىي ئورۇن بىلەن كەسپىي ئورۇننى، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى›› ئايرىشتىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئايرىش›› ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈەن – مەيدانلارنىڭ ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈەن – مەيدانلاردىكى خادىملارنىڭ ئىشتاتى، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئېنىقلاش، ئېلان قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇش تېزلىتىلىپ، تۈەن – مەيدانلارىنىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى مالىيە باقىدىغان خادىملار، ليەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تۈەن – مەيدانلارنىڭ ئىسلاھاتىدا ھالقىلىق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

   ئۇلار ليەندۈيلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ليەندۈي كادىرلىرىنى ئىزچىل تەيىنلەپ ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، 1 – سەپتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ‹‹باشلىقى››نى ئۆزلىرى سايلىدى، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتى ۋە ليەندۈي باشقۇرۇش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ھازىر، 6 – شىدىكى 14 تۈەن، 193 ليەندۈينىڭ ‹‹ئىككى كومىتېت›› سايلىمى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ھەر بىر ليەندۈيدە باشقۇرغۇچى خادىملار ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن قىسقارتىلىپ، ليەندۈي رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ياش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياشلاشتۇرۇلۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى