ئۆز مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەنشىن خەۋىرى. «بۇ مېنىڭ 3-قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىشىم، بۈگۈن كېسىلىمنى قايتا كۆرسەتكىلى كەلدىم. دوختۇرخانىدىلا پويىز بېلىتى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال سورىغىلى كەلدىم»، دېدى تۇرسۇنخان پازىل، ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەندە، دائىم پويىز ئىستانسىسى ۋە دوختۇرخانا ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرەتتى.
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالنىتسىدا ياتقان بىمارلارنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، دوختۇرخانىدا پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە 28 كۈن ئىچىدىكى (شۇ كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، ئاھالىلەر 2-ئەۋلاد كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە نەق پۇل ئېلىپ ئامبۇلاتورىيە ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالنىتسىدا ياتقان بىمارلارنى باشقۇرۇش مەركىزىدە بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن.
«ئۈچىنچى دەرىجىلىك A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن نۇرغۇن بىمار كېلىدۇ، ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرىنى ياخشى بىلمەيدۇ، ئاۋۋال پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ پويىزنىڭ مېڭىش ۋاقتىنى سوراپ، ئاندىن دوختۇرخانىغا قايتىپ بالنىتسىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەيدۇ، بېرىپ-كېلىپ كۆپ قېتىم قاترايدۇ، ئىنتايىن قولايسىز»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنىتسىدا ياتقان بىمارلارنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ما رۇي تونۇشتۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن پويىز بېلىتى سېتىش كۆزنىكى بىمارلارنى سەپەرگە چىقىش غېمىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى تېجەيدىكەن.