تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

مېڭنيۇ-ياشىلى يېڭى زېلاندىيە زاۋۇتىغا نەزەر

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋايكاتودىكى مېڭنيۇ-ياشىلى يېڭى زېلاندىيە زاۋۇت رايونى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: مېڭنيۇ-ياشىلى يېڭى زېلاندىيە زاۋۇتىنىڭ پېيى مىڭنيۇ سۈتچىلىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، يېڭى زېلاندىيە شىمالىي ئارىلىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى ۋايكاتودىكى پوكېنو بازىرىغا جايلاشقان، ئاۋكىلاند پورتىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك ماركىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبە ئورنى. بۇ زاۋۇتتا 2013-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، 2015-يىلى 11-ئايدا زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، زاۋۇتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 52 مىڭ توننا بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق سۈت پاراشوكىدىن ئاشىدۇ، شۇنداقلا يەرلىك ئۈچۈن 130 تىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەمىنلىگەن. مېڭنيۇ-ياشىلى يېڭى زېلاندىيە زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت رايونى يەر كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قاتتىق دەرىجىگە ئايرىپ ھىملاش، دېزىنفېكسىيەلەش تەرتىپى يولغا قويۇلغان، ئىچىگە GMP ئىسپات بەرگەن سېخ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسى سەپلەنگەن. جۇڭگودىن سىرت، مەھسۇلاتلار كۆپ مىقداردا يېڭى زېلاندىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە سېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى