تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  چېن چۈەنگو شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە پۇختا تۇرغۇزۇپ،باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە پۇختا تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش، بازار ماركىتىڭى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشىدىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا. چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە زالىدا ھەر خىل مەھسۇلاتلارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئاڭلىدى ھەم كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئېچىش، بازاردا سېتىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت مىقدارىنىڭ 1 مىليون توننىغا يەتكەنلىكىنى، 400 مىڭ مو زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى، 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنى يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇقۇپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ كارخانىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بازارنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ، كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنى تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كارخانا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئالدىدا ماڭىدىغان كارخانا، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك كارخانا، دېھقانلار بىلەن بازارنى تۇتاشتۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك كارخانا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتىكى قېرىنداشلىق مېھرىگە تولغان كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  چېن چۈەنگو 2 – قەۋەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى، كارخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇ كارخانىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور سودا سوممىسىنىڭ 2017 – يىلى 950 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو بۇ كارخانىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن زور پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقە تورى بىلەن قاناتلاندۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ‹‹قولاي ئاپتوموبىلى››غا چىقىرىپ، مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، باشلامچى كارخانىلارنى يەنىمۇ يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باشلامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. بىرىنچى، باشلامچى كارخانىلارنى تۇتۇپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئاساسى ياخشى، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى چوڭ، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، بازىنى تۇتۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زاكاز يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشى، ئۆلچەملىك تېرىقچىلىق قىلىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل، خاسلىقى روشەن بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، داڭلىق ماركىنى تۇتۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹مېۋە – چېۋە ماكانى›› دېگەن گۈزەل نامىنى ھەقىقىي داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، تۈرتكە بولۇشنى تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پائال ھەمدەم بولۇپ، ‹‹باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار›› ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان بىرىكىش ۋە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ تارقاق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشچان بازارنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ پايدا ئېلىشى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشكە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. ئالتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سىياسەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئامال قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشتە بىرلا ئۆلچەمگە ئېسىلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر ساھە ئىختىساسلىقلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت مۇھىتى ۋە ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەر ساھە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاۋ چىڭ، ۋەن خەيچۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.