5-ئاينىڭ 23-كۈنى، «نەنخەي چوڭقۇر جاي پىلانى» شىشا غەۋۋاسلىق سەپىرىدىكى بىر قىسىم تەكشۈرۈش خادىملىرى «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ «نەنخەي چوڭقۇر جاي پىلانى» شىشا غەۋۋاسلىق سەپىرى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 ئورۇندىن كەلگەن 60 نەپەر تەكشۈرۈش خادىمى «ئىزدىنىش 1-نومۇر» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ سەنياغا قايتتى. بۇ قېتىمقى سەپەردە ئېلىمىز ئالىملىرى «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستىنى تەكۈرۈش كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، نەنخەيدىن تۇنجى قېتىم «سوغۇق سۇ مارجان ئورمىنى» ۋە ھەرىكەتتىكى يېڭى سوغۇق بۇلاق پۈركۈش ئېغىزىنى بايقىدى.
(جاڭ جيەنسۇڭ فوتوسى)