تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سۇلۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ پەرقى چوڭ

     سۇلۇ مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن ساغلام يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭ ئوخشىماسلىقى بار.

    ساپ سۇلۇ. تەۋسىيە دەرىجىسى: بەش يۇلتۇز. بۇ خىل ساپ يەنمەيگە ھېچنېمە قوشۇلمىغان، شۇڭا ئورۇقلاشقا ياردىمى بار.

    مېۋە –چېۋە ۋە قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر قوشۇلغان سۇلۇ. تەۋسىيە دەرىجىسى تۆت يۇلتۇز. بۇ ساپ سۇلۇغا ئازراق مېۋە-چېۋە ۋە قاتتىق پوستلىق مېۋە  قوشۇلۇپ تەييارلىنىدۇ، چىلاپ يېگەندە ياكى پىشۇرۇپ يېگەندە تەمى ياخشىراق  بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئورۇقلاش مەزگىلىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك بولالايدۇ.

     قۇرۇق يېگىلى بولىدىغان سۇلۇ. تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يۇلتۇز. بۇ خىل يەنمەي كۆپ خىل پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا نۇرغۇن يېمەكلىك تالاسى  ۋە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار  خوراپ كېتىدۇ، گەرچە بۇ خىل يەنمەيگە قورۇلغان قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەر ۋە قۇرۇق مېۋىلەر قوشۇلغاچقا، تەمى يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىسسقلىق مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، ئاندا- ساندا يېيىشكە بولىدۇ.

     سۈت تەملىك بىرىكمە سۇلۇ. تەۋسىيە دەرىجىسى: ئىككى يۇلتۇز. بۇ خىل سۇلۇ تەركىبىدە ساپ يەنمەي مىقدارى ئاز بولۇپ، ئارانلا %20 ئەتراپىدا، بۇ خىل يەنمەيگە يەنە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك مېيى، شېكەر، پۇراقلىق ماددا قوشۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل سۇلۇنىڭ تەمى ياخشى، خۇددى ئەتكەن چايغىلا ئوخشايدۇ، ئەمما ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە ئىچىملىككە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ سۇلۇنى يېمەسلىك كېرەك.

    يەنمەي تاياقچىسى، تەۋسىيە دەرىجىسى: نۆل. بۇ خىل سۇلۇ تاياقچىسىنى ئېنېرگىيە تاياقچىسى دېسەكمۇ بولىدۇ، پىرەنىكنىڭ ئارىسىغا ئازراق سۇلۇ قوشۇلغان بولۇپ، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك  يېمەكلىك. بۇ خىل سۇلۇنى يەپ يېمەكلىك خۇمىرىڭىزنى باسقىنىڭىز بىلەن، فىگورىڭىزمۇ تەڭ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ئورۇقلاش مەزگىلىدە يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ، سۇلۇ تاياقچىسىنى تېخىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى