تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2018-يىللىق نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتېڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتېڭى «مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ تەلىپىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2018-يىللىق كومىتېت ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2018-يىللىق نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمەت پىلانى»(قىسقارتىلىپ «خىزمەت پىلانى» دېيىلدى)نى تارقىتىپ يولغا قويدى، شۇنداقلا تۆت جەھەتتىكى 16 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپە ھەمدە مەسئۇل ئورۇن ۋە تاماملاش سۈرۈكىنى بىر-بىرلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەشتىكى خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  «خىزمەت پىلانى» نامراتلار نۇقتىدا يۆلەيدىغان ناھىيەلەرنىڭ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كادىرلارنى ئەۋەتىش، مەبلەغ سېلىنمىسى، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت» ئاساسىدا نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمەت ۋەزىپىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. مەسىلەن: نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى كومىتېت ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم تەكشۈرۈشى ۋە كۈندىلىك تەكشۈرۈشىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەر قايسى مەھكىمە (ئورۇن) لەرنىڭ يىللىق خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ؛ كومىتېت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە نامراتلار نۇقتىدا يۆلەيدىغان ناھىيە، نامرات كەنت پارتىيە ياچېيكىسى «ئورتاق بەرپا قىلىش» قا تەشكىللىنىدۇ ھەمدە ئەھۋالنى قانات يايدۇرۇش يىللىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى باھالاش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىدۇ؛ نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەر پارتكومنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدىغان بازىسى قىلىنىدۇ، ياش پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى «يىلتىز ئاساسىي قاتلامدا بولۇش» تىن ئىبارەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نامراتلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ؛ ئورگانلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىستېمالى پائال راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئورگانلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئوخشاش شەرت ئاستىدە ئالدى بىلەن نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەردىن سېتىۋېلىنىدۇ، مۇلازىمەتچى، تازىلىقچى قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئالدى بىلەن نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەردىن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ھەمدە كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ؛ كومىتېتقا قاراشلىق «ئىككى گېزىت، بىر ژۇرنال»، كۆزنەك تور بېكىتى، «ئىككى ئۈندىدار، بىر تېرمىنال» قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئۈلگىلىك تەجرىبىلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپ، مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  «خىزمەت پىلانى» دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتكومنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈش، ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر قايسى مەھكىمە (ئورۇن)لەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئۆلچەملىك يۆلەش مەسئۇلىيىتى، يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتا، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، زور سىياسەت، مەبلەغ تۈرى قاتارلىق جەھەتلەرنى داۋاملىق نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرگە مايىللاشتۇرۇپ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكومنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمەت ئەھۋالىنى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئومۇمىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتكومنىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا زېممىسىگە ئېلىپ، نامراتلارنى نۇقتا بويىچە يۆلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە يول ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، خۇلاسىلەپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەقىقىي كۈچەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلار نۇقتىدا يۆلىنىدىغان ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى