تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چۆچەك شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى مېيىپلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: چۆچەك شەھىرى ئابدىرا يېزىسى بەش ئائىلە كەنتىدىكى ئەما كىشى جياۋ بىڭجياڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ ھال سوراپ كەلگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

  شۇ كۈنى، چۆچەك شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى بولغان شىنجاڭ جېنگويىن پەن-تېخنىكا يېمەكلىك مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىرلىكتە ئابدىرا يېزىسىغا بېرىپ، «دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش- مېيىپلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى ئىئانە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 15 مېيىپ كىشىگە 900 يۈەن قىممىتىدىكى قىچا مېيى ئىئانە قىلغان، ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنى بىرلىكتە نامرات مېيىپلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان.

  چۆچەك شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى يېرمۇرات ئۇسەن مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 28-قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن مېيىپلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە يېتەكلىدۇق.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، چۆچەك شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تۆت كۈندە ئالتە قېتىم مېيىپلارغا ياردەم بېرىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، 314  مېيىپ كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، چۆچەك شەھىرى 2017-يىلىدىن بۇيان، مېيىپلارغا بولغان سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مائارىپ، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، 1 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 543 نامرات مېيىپ كىشىگە 150 ھەر خىل قوشۇمچە ياردەم ئەسۋابلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، 314 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 222 مېيىپلار ئائىلىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، مېيىپلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى