تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

يۈز شەكلىگە ئاساسەن قاش سىزىش ئۇسۇلى

    سىزمۇ ئىلگىرى مەلۇم مكروبلوگ ئىگىسى ياكى تور چولپىنىنىڭ قاش سىزىش ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلىپ قاش سىزىپ باققانمىدىڭىز؟
    بۈگۈن بىز يۈز شەكلىگە ئاساسەن قاش سىزىش ھەققىدە توختىلىمىز.
    ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان قاش شەكىللىرى بىر نەچچە خىل بولىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان ۋە ئەگمە قاش شەكلى زاماندىن قالدى. نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى    ئىنچىكە ئەگمە قاش سىزىش مودا بولۇپ ھازىر توم قاش سىزىش مودا بولدى؟

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئايال چولپانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنچىكە سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان قاش سىزىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇلايىم كۆرسەتكەن، بۇ ئەينى دەۋرنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇن.
    كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، قاش سىزىش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگەردى. ئاسىيالىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈز قىسمىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئانچە ئىستېرېئولۇق ئەمەس، شۇڭا قاشنى تومراق سىزىش ئارقىلىق كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرغاندا، تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

    مەسىلەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» دىكى دېدەك قىز «جىنسۇ»نىڭ رولىنى ئالغان فەن بىڭبىڭنىڭ قېشى رول ئالغاندا ئىنچىگە سىزىلغان بولۇپ، ھازىرقىدەك گۈزەل كۆرۈنمەيتتى. ھازىر ئۇ قېشىنى تۈز ھەم تومراق قىلىپ سىزغاچقا، ئىلگىرىكىدىنمۇ جەلپكار كۆرۈنىدۇ.
    ئەلۋەتتە قاشنى تومراق ياكى ئىنچىكىرەك سىزىش قاش بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى بىلەنمۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    يۇمىلاق يۈزلۈكلەر تەكشى ئەگرى قاش سىزىشقا ماس كېلىدۇ
    جاۋ لىيىنىڭ قېشىنى ئىلگىرى نۇرغۇن تورداشلار ياقتۇرمىغان ھەتتا زاڭلىق قىلىشقان ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى ئۇ قېشىنى توم سىزىۋالغاچقا ھەم قېشىنىڭ يېرىمى تۆۋەنگە قارىغاچقا سەل كۆرۈمسىز كۆرۈنۈپ قالغان. ھازىر ئۇ قېشىنى ئەگرى سىزىۋالغاچقا، يۈزى يوغان كۆرۈنمەيدۇ ئۆزىمۇ ناھايىتى تېتىك كۆرۈنىدۇ.

    يۈرەك شەكىللىك يۈزلۈكلەر قېشىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈستىگىرەك چىقىرىپ سىزىشقا ماس كېلىدۇ
    جاڭ شاۋخەننىڭ قېشى ئىلگىرى سىدام بولغاچقا، ئۇنىڭ چىرايىغا ئانچە ماس كەلمىگەن. ئۇنىڭ يۈزى يۈرەك شەكىلدە، پىشانىسى بىلەن ئىككى مەڭزى بىر قەدەر كەڭ بولغاچقا، سۇس قاش ئۇنىڭ پىشانىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆرسىتىپ قويغان. ئەمما ھازىرقى قۇيرۇقى ئۈستىگىرەك سىزىلغان قاش شەكلى ئۇنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق كۆرسەتكەن، ماڭلاي چېچى پىشانىسىنىڭ كەڭلىكىنى بىلىندۈرمىگەن.

    گۈلنەزەرنىڭ يۈزىمۇ يۈرەك شەكىلدە بولۇپ، قاش-كۆزلىرىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق. ئەمما زىيادە ئەگمە سىزىلغان قاش ئادەمنى كونا دەۋرنىڭ ئادەملىرىدەك كۆرسىتىپ قويىدۇ. قاش قۇيرۇقى قاشنىڭ ئۇچىدىن ئېگىزدەك بولسا، ئاياللارنىڭ نازاكىتى تېخىمۇ نامايەن بولىدۇ.

   يۈزى ئۇزۇنلار قېشىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈستىگىرەك چىقىرىپ تۈز سىزىشقا ماس كېلىدۇ يۈزى ئۇزۇن كىشىلەر قاش چوققىسى (眉峰) نى بەك ئېگىز سىزىشقا ماس كەلمەيدۇ، ئەكسىچە قېشىنىڭ قۇيرۇقىنى سەل ئۈستىگە چىقىرىپ تۈز سىزىشقا ماس كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا چېكىسى كەڭرەك كۆرۈنۈپ، يۈزىنىڭ نىسبىتى ئۆزگىرىدۇ-دە، يۈز ئۇنچە ئۇزۇن كۆرۈنمەيدۇ. مەسىلەن، فەن بىڭبىڭىنىڭمۇ ئىلگىرى قېشى ئىنچىكە ھەم ئىگىز سىزىلغاچقا، يۈزى ئۇزۇن كۆرۈنۈپ قالغان.

   سوزۇنچاق، تۇخۇمسىمان يۈزلۈكلەر تۈز، ئۇزۇن كەلگەن قاش سىزىشقا ماس كېلىدۇ سوزۇنچاق، تۇخۇمسىمان يۈز شەكلى ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان يۈز شەكلى بولۇپ، پەقەت قاشنى بەك ئۈستىگە ئەگمە سىزىۋەتمىسىلا بولىدۇ، ئەگەر ئۇزۇنراق تۈز قىلىپ سىزسا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، Angelababy بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

  چاسا يۈزلۈكلەر قاش سۆڭىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ سىزىشقا ماس كېلىدۇ لياۋ بىئېرنىڭ يۈزى چاسا، ئېڭىكى تولغان بولۇپ، بۇنداق يۈز شەكلىگە ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن، قاش سۆڭىكى گەۋدىلەنگەن قاش شەكلى ماس كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق يۈز شەكلىدىكىلەر قېشىنى بەك ئىنچىكە سىزىۋالماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا يۈزى بەكلا يوغان كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى