شىنجاڭنىڭ جىمىنەي ناھىيەسى بۇركەۋ يايلىقىدا چارۋىچىلار ئات توپىغا ئەگىشىپ قايتىۋاتاتتى. كەچكى شەپەقتە چاپچىپ كېتىۋاتقان ئاتلار، چارۋىچىلارنىڭ ئاتلارنى قوغلاپ ئىسقىرتىش، ۋارقىراشلىرى پايانسىز يايلاق بىلەن بىرلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىكتىكى چارۋىچىلار بەس-بەستە قاناسنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدۇ.
جىمىنەي ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇلتوقاي ۋە قابا ناھىيەسى بىلەن يانداش بولۇپ، بۇ يەردىكى چارۋىچىلار ئاساسلىقى چارۋا بېقىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.