بىر شەھەر ئاھالىسى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرى 27–رايون نەنسەي يولىغا جايلاشقان «كەلگۈسى دورا دۇكىنى»دىكى ئادەمسىز دورا سېتىش ئۈسكۈنىسىدىن چىقىمدان ئارقىلىق دورا ئالماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: مەملىكەت بويىچە تۇنجى چىقىمدان «كەلگۈسى دورا دۇكىنى» 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ، خېرىدارلار يۈز قىياپىتىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ھەق تۆلەش، يىراق مۇساپىلىك ساغلاملىق مەسلىھەتى سوراش، داڭلىق دوختۇر بىلەن ئالدىن كېلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق ھەق تۆلەش، 24 سائەت ئاپتوماتىك دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.