شىنخۇا تورى خەۋىرى: تۇنجى نۆۋەتلىك مىئامى كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىئامى شەھىرىدە باشلاندى، جۇڭگودىن بارغان 100دىن ئارتۇق، باشقا 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 50تىن ئارتۇق توقۇلما بۇيۇم ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى .
مىئامى شەھىرىنىڭ باشلىقى سۇئارېز، جۇڭگو توقۇلما بۇيۇملار ئىمپورت - ئېكىسپورت سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ساۋ جاچاڭ، مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىنمىن ۋە جۇڭگونىڭ خيۇستون باش كونسۇلخانىسىدا تۇرۇشلۇق سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جۇ جېنچېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
بۇ قېتىمقى يەرمەنكە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ . كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئامېرىكا تەرەپ مەسئۇلى پرېسكوت مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، يايما ئورنى پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولدى.
سۇئارېزنىڭ ئېيتىشىچە، كۆرگەزمە شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش مەبلىغى كىرگۈزۈشىگە پايدىلىق ئىكەن.
ساۋ جاچاڭ: بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئىنتىزار، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بازار بولسا يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ئىستېمال بازىرى، بۇ جۇڭگونىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەڭ چوڭ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شاڭخەي توقۇمىچىلىق ئىمپورت - ئېكىسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ پېي مۇنداق دېدى : بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق مىئامىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ بازىرىغا كىرىشتىكى يېڭى بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى تەكشىسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز .