ئۆز خەۋىرىمىز: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاشاجار بازىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىلى دوڭشىڭ كىيىم لايىھەلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنى يىغىن كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ھەر بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ئالدىدا كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ خىزمەتكە تىزىملاتتى، قاشاجار بازىرى كۆك يار كەنتىدىكى ئۇلكەلسىن قۇماربەك مۇنداق دېدى : بۈگۈن مەن بىرقانچە ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە كەلدىم، بۇجاي بىزنى نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، مەن بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن.
شىركەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى جەمئىي 100 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، نەق مەيداندا تىزىملاتقان ئادەم 200 دىن ئاشتى. تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىركەت قاشاجار بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ.