تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئەتىيازدا پارنىكقا كۆچۈرۈلگەن چەيزىدە كۆرۈلىدىغان قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش ئۇسۇلى

  ئادەتتە قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلى چەيزە تۈپلىرىدە 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلاپ، 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرىغىچە زىيان سالىدۇ. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلى چەيزىگە زىيان سالغاندا يوپۇرماقنىڭ ئارقا تەرىپىدە تور ھاسىل قىلىپ يوپۇرماقنىڭ شىرنىسىنى شورىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يوپۇرماق نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ. دەسلەپتە يوپۇرماقنىڭ يۈزىدە سارغۇچ ئاق چېكىت پەيدا بولۇپ، كېيىنچە قىزىل چېكىتكە ئۆزگىرىدۇ. زىيان ئېغىر بولغاندا يوپۇرماق كەينى قىزىرىپ قورۇلۇپ، ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ قۇرۇپ تۆكۈلىدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئارقا يۈزىنى توپىسىمان تور بېسىپ كېتىدۇ. قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلى ئادەتتە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان قۇرغاق شارائىتتا تېز تارقىلىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش ئۇسۇلى:

  1.مايسا كۆچۈرۈشكە تەييارلانغان يەرنى كۈزدە چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ توڭ ياتقۇزۇش كېرەك.

  2.ئوتلارنى پاكىز ئوتاش، پارنىكنىڭ ھاۋا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىيىنىنى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش لازىم.

  3.پارنىكلارنى مۇۋاپىق سۇغىرىپ، تۇپراق نەملىكىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىزىل ئۆمۈچۈك كېسىلىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  4.چەيزە ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار تېرىلغان يەرگە باشقا كۆكتاتلارنى ئالماشتۇرۇپ تېرىپ قىزىل ئۆمۈچۈكنى يوقىتىش لازىم.

  5.كۆكتاتلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، ئېتىزدىكى شاخ – شۇمبىلارنى يىغىپ كۆيدۈرۈپ ھاشارات مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك.

  6. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا %73لىك كۇەيمەنتىنىڭ 3000 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقى ياكى %1.8لىك ئاۋېيجۈنسۇنىڭ 3000 – 3500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقى ياكى %20لىك دامەنلىڭنىڭ 1000 – 1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى ھەر ئون كۈندە بىر قېتىمدىن پۈركۈش كېرەك.

  زىبىگۈل شاھيۈسۈپ تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى