تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

كۈزگى بۇغداينى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

  1.سورت تاللاش: سۈپەتلىك، ھوسۇللۇق، قىشتىن ئۆتۈشچانلىقى ياخشى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى يۇقىرى ‹‹شىنجاڭ كۈزگى بۇغدىيى– 22›› نى تاللىسا بولىدۇ.

  2. تېرىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق: 1) يەر تۈزلەش. يەر ‹‹تۈز، تەكشى، پاكىز، يۇمشاق، نەم›› بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ تۈزلىنىدۇ؛ 2) ئاساسىي ئوغۇت بېرىش. ھەر مو يەرگە 2000 كىلوگىرام تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت، %40لىك 40 كىلوگىرام بۇغداي مەخسۇس ئوغۇتى، ئىككى كىلوگىرام ئاممونىي دى ھىدرو فوسفات، تۆت كىلوگىرام كالىي فوسفات ياكى %64لىك 26 كىلوگىرام ئاممونىي دى ھىدرو فوسفات، توققۇز كىلوگىرام ئورىيا، %40لىك توققۇز كىلوگىرام كالىي سۇلفات ئاساسىي ئوغۇتى بېرىلىدۇ.

  3. تېرىش مەزگىلى ۋە تېرىش مىقدارى: تاغلىق رايونلاردا 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە، تۈزلەڭ رايونلاردا 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە تېرىلىپ، نەملىكى ساقلىنىپ، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەر مو يەردە 300 مىڭ تۈپ ئاساسىي مايسا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر مو يەرگە 20 – 22 كىلوگىرامغىچە ئۇرۇقلۇق سېلىنسا بولىدۇ.

  4.قىشتىن ئىلگىرىكى پەرۋىش: 1) توڭ سۈيىنى قويۇش. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئالتە – يەتتە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندە، يەنى يەر توڭلاشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق سۇغىرىلىدۇ. ئېتىزدا سۇ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالىدىنى ئېلىش لازىم. 2) قىش پەسلىدە چارۋا ماللارنىڭ بۇغداي مايسىلىرىنى يەپ نابۇت قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توپا چېچىپ يەر يېرىقچىلىرىنى ئېتىپ، تۇپراق نەملىكى ساقلىنىپ، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، مايسىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  5.ئەتىيازدىكى پەرۋىش: 1) قوشۇمچە ئوغۇتلاش ۋە سۇغىرىش. بۇغداي مايسىلىرى قايتا كۆكلەش مەزگىلىدە ھەر مو يەر بىرىنچى سۈيىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئون كىلوگىرام ئورىيا، ئىككىنچى سۈيىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ 11 كىلوگىرام ئورىيا بىلەن قوشۇمچە ئوغۇتلىنىدۇ ھەم پوقاقلىنىش سۈيى، باشاق سۈيى ۋە دان تۇتۇش سۈيى ۋاقتىدا قويۇلۇپ، ئاخىرقى قېتىملىق سۈيى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئەتراپىدا قويۇلىدۇ. يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شامال چىققان كۈنلىرى سۇغىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 2) يوپۇرماق سىرتىدىن قوشۇمچە ئوغۇتلاش، باشاق چىقىرىش مەزگىلى ۋە دان تۇتۇش مەزگىلىدە 30 كىلوگىرام سۇغا 200 گىرام كالىي دى ھىدرو فوسفات ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر مو بۇغدايلىققا تەكشى پۈركۈلىدۇ.

  6.كېسەل ۋە ئوتنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش: 1) كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق بۇغداي مۇۋاپىق قويۇقلۇقتىكى تىرىئادېمىفون بىلەن دورىلىنىپ، 24 سائەت دۈملەنگەندىن كېيىن شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ تېرىلسا بولىدۇ. 2) بۇغداي تۈپلىرى قايتا كۆكلىگەندىن كېيىن ھال كېسىلى بايقالسا، ھەر مو يەرگە 50 – 70 گىرامغىچە تىرىئادېمىفوننى 45 كىلوگىرام سۇغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئىككى قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ. 3) بوغۇم تارتىش مەزگىلىدە ئېتىز نەملىكى زىيادە يۇقىرى بولۇش تۈپەيلىدىن ئاق توزان كېسىلى پەيدا بولسا، ھەر مو يەرگە 50 – 70 گىرامغىچە تىرىئادېمىفوننى 45 كىلوگىرام سۇغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئىككى قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ. 4) ئوتنى يوقىتىش. 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتنى تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بېنتېڭ ، دۇباڭجۈشىڭ ، پياۋما ، مەيشىدا  قاتارلىق ئوت يوقىتىش دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

  مېھرىگۈل تۆمۈر تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى